مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر ئەسىر مۇقەددەم رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن دۆلەت، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم-پەن، جەمئىيەت ئەربابلىرى يېتىلىپ چىققانىدى. ئۇلار سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قارىماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بار كۈچىنى سەرپ قىلدى. بۇ ساھەلەر بولۇپمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز تەرەققىياتىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قالالىدى. ئەنە شۇنداق ساھەلەرنىڭ بىرى مائارىپ بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.
تارىختىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن يەتتىسۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە بۇ يەردە مائارىپ، مەتبۇئات، سەنئەت ئوچاقلىرى، مەسچىتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى. 1917-يىلى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر ھاكىمىيەت بۇرۇلۇشىدىن كېيىن رۇسىيە ھەم ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يەتتىسۇ تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغان ئىدى. بولشېۋىكلەر پارتىيەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن مەدەنىي-ئاقارتىش سىياسىتى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلاردا مەكتەپلەر ئېچىلىپ، ئۇلاردا ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
ئۇيغۇرلار ئاچقان تۇنجى مەكتەپلەرنىڭ بىرى زەرۋات مەكتىپى بولۇپ، ئۇ ئۆز تارىخىدا ئونلىغان داڭلىق ئۇيغۇر ئەربابلىرىنى تەربىيەلەپ چىقتى. ھازىر قازاقىستاندا ئەنە شۇ زەرۋات مەكتىپىنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ كارۋىنى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە «يەتتىسۇدىكى دەسلەپكى بىلىم دەرگاھى» دەپ ئاتالغان ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە ئەنە شۇ زەرۋات مەكتىپىنىڭ مىراسخورى بولغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان ياركەن شەھىرىدىكى گۇمانىتارلىق تېخنىكومىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئىش-پائالىيىتى يورۇتۇلغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر بىلىم دەرگاھى ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ۋە باشقىمۇ ناھىيەلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلايدىكەن.
پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن كۆپلىگەن پارتىيە، دۆلەت، مەدەنىيەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئاھالە ئارىسىدىمۇ چوڭ ئويغىنىش، ئىنتىلىش ئەھۋاللىرى پەيدا بولغان ئىكەن. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىن چىققان ۋەكىللەرمۇ يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشىغا پائال ئارىلاشقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياركەنت مەكتىپى دەسلەپتە باشلانغۇچى مەكتەپ بولغان. ئۇنىڭغا ئىسمائىل تايىروف، ئاندىن بۇرھان قاسىموف رەھبەرلىك قىلغان. مەزكۇر مەكتەپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئىشىنى بارا-بارا كېڭەيتتى. دەسلەپكى يىللىرى ئۇنى ماددىي جەھەتتىن تەمىنلەش دېگەندەك بولمىدى. بىردە ئۇلارنى دۆلەت خىراجىتىگە ئالىدۇ، بىردە چىقىرىۋېتىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى مەكتەپنى جان دىلى بىلەن قوغداپ قالدى ۋە ماددىي ياردىمىنى كۆرسىتىپ تۇردى. شۇ ئىقتىسادىي ئېغىر يىللىرىمۇ مەكتەپ ئىشىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. زەرۋات مەكتىپى ئۆزىنىڭ 10 يىللىقىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. بۇ توغرىلىق ‹كەمبەغەللەر ئاۋازى› گېزىتىدە كەڭ كۆلەملىك ماقالە بېرىلدى.»
ئابدۇكېرىم تۇدىياروف «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى ۋە باشقىمۇ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارنى توپلاپ، زەرۋات مەكتىپىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولسىمۇ، كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھېلىمۇ ئايدىڭلاشمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەش يىلنىڭ ئىچىدە ئوقۇغان بالىلارنىڭ سانى 1478 بالىغا يەتكەن. بەش يىلنىڭ ئىچىدە 84 مۇئەللىم ئىشلىگەن. مۇئەللىملەرنىڭ كۆپچىلىكى رۇسلار، ئاندىن ئۇيغۇرلار، تاتارلار، باشقۇرتلار بولغان. ئۇ يەرلەردە بولسا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ بولغان. بىزنىڭ بۇرۇنقى زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھەتتا بارلىقى زەرۋات مەكتىپىدە بىلىم ئالغان.»
ئابدۇكېرىم تۇدىياروف زەرۋات مەكتىپىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىن ياركەنتكە نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەنلىكىدە كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، بۇ كۆچۈرۈش سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، 1918-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان كازاك رۇسلىرىنىڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بىر قانچە يېزىلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى گۇناھسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ قىرغىنچىلىقنى «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ ئاتىغان.
يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زەرۋات مەكتىپىگە دەسلەپتە ئابدۇغوپۇر روزىباقىيېف مۇدىرلىق قىلغان بولسا، شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ئۆمەر مۇھەممەدىي، مەرىپەتچىلەر لېتىپ ئەنسارى، روزاخۇن ھوسمانوف، مەشۈر بۇرھانوف، داۋۇت ئەزىزوف ۋە باشقىلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. خەلق يازغۇچىسى، جامائەت ئەربابى زىيا سەمەدىمۇ زەرۋات مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۆمەر مۇھەممەدىيدىن ساۋاق ئالغان.
بىز بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ زىيا سەمەدى بىلەن سۆھبەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «زەرۋات مەكتىپى ياركەنتكە كۆچۈرۈلگەندە مەن رۇس گىمنازىيەسىدە ئوقۇۋاتاتتىم. ق. بوساقوف نامىدىكى مەكتەپتە تۆت يىل ئوقۇغاندىن كېيىن رۇس گىمنازىيەسىگە ئوقۇشقا كىردىم. ئاتا-ئانام خونىخاي يېزىسىدا بولغاچقا مەن ياركەنتتە تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇدۇم. زەرۋات مەكتىپى كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن مەن دەررۇ شۇنىڭغا يۆتكەلدىم. بۇ يەردە مەن بىر تەرەپتىن ئۆز ئانا تىلىمدا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دەرس بېرىشى مېنىڭ قاتارلىق بالىلار ئۈچۈن يېڭىلىق بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخنىكومدا ئوقۇغان بالىلار ياتاقخانا بىلەن تەمىنلىنەتتى. بۇنىڭ ئۆزىمۇ مېنىڭ ئۈچۈن تەلەي بولدى. تېخنىكومدا ئىككى يىل ئوقۇدۇم. جاي-جايلاردا كوللېكتىپلاشتۇرۇش ئىشلىرى باشلىنىپ كەتتى. بايلارغا، ئوتتۇرا ھال دېھقانلارغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېسىم كۆرسىتىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. مېنىڭ داداممۇ كۆپچىلىك قاتارىدا شەرقىي تۈركىستانغا چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن تېخنىكومدا ئوقۇۋاتقان ئەنە شۇنداق ئادەملەرنىڭ بالىلىرىغىمۇ چارە قوللىنىلىشقا باشلىدى. مەنمۇ تېخنىكومدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئۈچ-تۆت كۈن سوراققا تارتىلدىم. ئاخىرى مېنىڭ ئۈستۈمدىن سوت بولدى. لېكىن مېنىڭ يېشىم كىچىك بولغانلىقتىن ئاقلىنىپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن دادام مېنى يوشۇرۇن كېلىپ ئېلىپ كەتتى. تېخنىكومدا ئاز ئوقۇساممۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، تارىخىنىڭ بەزى سىرلىرىنى چۈشىنىپ ئۈلگەردىم.»
ياركەنت ئالىي گۇمانىتارلىق تېخنىكومىدا 20 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىشلىگەن، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «كېڭەش ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر خىل قىيىن پەيتلىرىدىمۇ تېخنىكومدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى يوقىمىغان. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى يىللىرى رۇس ۋە قازاق تىللىرىدا ئۇيغۇر ئۇستازلىرى دەرس يۈرگۈزگەن. تېخنىكوم 1929-يىلدىن تارتىپ بىر قېتىممۇ يېپىلماي، مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاپ كەلمەكتە. پەقەت 1997-ۋە 2006-يىللار ئارىلىقىدا ھۆكۈمەت خىراجىتىدىكى گۇرۇپپىلار يېپىلىپ، ئوقۇشقا ھەقلىق رەۋىشتە قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 2006-يىلدىن بۇيان 25 ئادەم ھۆكۈمەت ھېسابىغا قوبۇل قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئالغان ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.»
ھاكىمجان ھەمرايېفنىڭ دېيىشىچە، تېخنىكومنى تاماملىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن ئۆز كەسپىگە قوشۇمچە مۇتەخەسسىسلىك گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ چىقىش شارائىتىمۇ يارىتىلغان ئىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇئەللىملەرگە موھتاجلىقى ھېسابقا ئېلىنغان ھالدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەر يىلى ھەقسىز 25 ئورۇن ئاجرىتىلىدىكەن.