«يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» 4-ئوقۇش يىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىدى

0:00 / 0:00

بۇندىن 3 يىل مۇقەددەم «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نامىدىكى مۇزىكىلىق تەربىيە كۇرسى، ئەنگلىيە ئاگاخان فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى بايسېيت يېزىسىدا قۇرۇلغانىدى. يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپىدە تەربىيىلەنگەن ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ يىل قازاقىستان چايكوۋىسكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغانىكەن. شۇنداقلا يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپىگە يېڭىدىن يەنە 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە ئۇسۇل كۇرسلىرىدا ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلايمىز.

باش شتابى ئەنگلىيەدىكى ئاگاخان مۇزىكا فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن 2016-يىلى سېنتەبىردە دەسلەپ قازاقىستان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بايسېيت يېزىسىدىكى قۇرۇلغان «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى»، 6ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 30 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلارنى قوبۇل قىلىپ تەربىيەلىگەن بولسا، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ، غەيرەت يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن. بۇ مەكتەپنىڭ بۇ يىلقى مۇزىكىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدا مىللىي ساز ۋە ئۇسۇل كۇرسلىرىغا يەنە 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

مەزكۇر مۇزىكا مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە كۈچ چىقارغان لوندوندىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور راچەل خاررىس خانىملار، غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەسىس قىلىنغان «يەتتىسۇ مۇزىكا مەكتىپى» نامىدىكى سەنئەت تەربىيە پروگراممىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن يېقىنقى كۈنلەردە غەيرەت يېزىسىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولغان. 27-ئاۋغۇست «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇلارغا ئۆزلىرى ئۆگەنگەن مۇقام ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرى ھەم ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن كلارا خانىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل ۋاقتى بولۇشىغا قارىماي، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالغانلىقىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەييارلىق قىلىپ كونسېرت كۆرسەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى:

غەيرەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەسىس قىلىنغان «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى دىلمۇرات ئەپەندى، مەكتەپنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرى 3 يىللىق مۇزىكا كۇرسىدا تەربىيەلىنىپ ئوقۇشلىرىنى پۈتتۈرگەن بولسا، يېڭىدىن يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملاتقانلىقىنى، ئەمما چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدەك قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك، ئوقۇغۇچىلار سانىنى مەلۇم چەكتە كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا پېشقەدەم تەجرىبىلىك كەسپىي سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا ئالمۇتا نۇر مۇزىكا مەكتىپىنىڭ كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ كېلىپ، ساتتار، دۇتار، تەمبۈر، داپ قاتارلىق سازلارنى چېلىشنى، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى يەنىمۇ كەسپىي سەۋىيەدە ئوقۇشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەپەندى يەنە، بالىلارنىڭ مۇقام ۋە ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنى مۇكەممەل چالىدىغان سەۋىيەدە ئۆگەنگەنلىكى، ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ كۇرسقا قاتناشقانلىقى، بۇ كۇرسلاردا مۇزىكا تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئالمۇتادىكى چايكوۋىسكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ خۇشاللىنارلىق ئۇتۇقلىرى دەپ تونۇشتۇردى.

«يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بايسېيت، غەيرەت، قاراتورۇق، مالۋاي دېگەندەك چەت يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئۇيغۇر مۇقام ۋە ناخشىلىرى ھەم ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدىغان تۇنجى ھەقسىز مۇزىكا مەكتىپى بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئەزىز ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ: «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى يالغۇز بۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى تۇتۇپمۇ ھەتتا كۆرۈپتۇ باقمىغان بالىلار ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ئۆگىنىدىغان، ئۆزىنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان، مۇزىكا جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان شۇنداقلا كەلگۈسىگە كۆپ پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغان بىر مەكتەپ. بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دەيدۇ.