جېف ئېدېن بىلەن سۆھبەت: «يىپەك يولىدىكى جەڭگىۋار ئەۋلىيالار» (1)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھادىسىلەر مۇھىم نىشانلاردىن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق مۇئەسسەلەر، جۈملىدىن مەسچىت ۋە مازارلار، قەبرىستانلىقلار، قەدىمىي دىنىي ئىزلار سىستېمىلىق ھالدا «يېڭى زامانغا ئۇيغۇنلىشىش» نامىدا چېقىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئۇسۇلۇپتىكى بىنالارنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور ئەندىشىسىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق نەپرىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. يېقىندىن بۇيان ئىشلارنىڭ بۇنىڭدىن ھالقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى كەلگۈسى بوغۇنلارغا ئۇلاشتۇرغۇچى تارىخىي مىراسلارنىڭ يوقىتىلىشى بولسا بۇنىڭدىكى يېڭى بىر مەزمۇن بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىدىن مەلۇمات بەرگۈچى بارلىق مەنبەلەرنى ئەنە شۇ يوسۇندا يوقىتىشنى داۋام قىلىۋاتقاندا غەرب دۇنياسىدا بارلىققا كېلىۋاتقان ھەمدە بۇ ساھەنى قوغداشقا بەخش ئېتىلگەن بەزىي ئىلمىي ئەمگەكلەر بۇ جەھەتتە كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ. تارىخ پەنلىرى دوكتورى جېف ئېدىننىڭ يېقىندا بىرل نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان «يىپەك يولىدىكى جەڭگىۋار ئەۋلىيالار» ناملىق ئەسىرىنى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن، دېيىشكە بولىدۇ.

مەزكۇر ئەسەردە بايان قىلىنىدىغان ۋەقەلەر ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسىرلەر بويى مەدداھلارنىڭ جەڭنامىلىرى بىلەن ئاۋاتلاشقان رەستىلەردە ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقان، شۇنداقلا زامانىمىزغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىدىن بولۇپ قالغان «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى» دۇر. بۇ تەزكىرىدە 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئۇنى ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۆزى پادىشاھ بولغان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا زور كۈچ چىقارغان تارىخىي شەخس ساتۇق بۇغراخاننىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرى دۇنياغا كەلگەن 1990-يىللاردا «بارېن ئەكسىلئىنقىلابىغا ئىدىيەۋى مەنبە بولغان» دەپ تەنقىدلەنگەن، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەكلەنگەن كىتابلار» تىزىملىكىنىڭ بېشىغا تىزىلغان ئىدى.

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» نىڭ 1988-يىلىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قۇربان ۋەلى مۇنداق دەيدۇ:

ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قەدىمكى شەۋكەتلىك ئىزنالىرى ئەسىرلەر بويى بۇغراخانلار ھەققىدىكى تەزكىرىلەرگە سىڭدۈرۈلۈپ، زامانىمىزغا كەلگەندە قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھەقدار ۋارىسلىرى بولمىش ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىدىن خەۋەر بەرگۈچى ماياكلاردىن بىرى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ جېف ئېدىننىڭ ئەسىرىگە كىرىش سۆز يازغان پروفېسسور رايان سام بۇ ھەقتە جانلىق قىلىپ «خۇددى ئىرانىيلار ئۈچۈن ‹شاھنامە› قانچىلىك قەدىرلىك بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ‹بۇغراخانلار تەزكىرىسى› ئۇلارنىڭ شۇنچە قەدىرلىك مىللىي داستانلىرىدىن سانىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئاتۇشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرى بىلەن باغلىنىشلىق قىسسەلەر ئاساسىدا 1980-يىللاردا بۇ ھەقتە «ساتۇق بۇغراخان» رومانىنى يېزىپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن بۇ ئوبراز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىللىي قەھرىمانلىق خاھىشىغا يول ئاچقان. بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ قويۇق ئالاھىدىلىكىدىن بىرى بولغان «كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش» ھەققىدىكى بايانلار خىتاي كومپارتىيەسىنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن كۆرە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇ رومانىمۇ ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەكلەنگەن كىتابلار» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، بارلىق كىتاپخانىلاردىن پاك-پاكىزە يىغىۋېلىنغان.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىد بىز مۇئەللىپتىن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئوبرازىنىڭ قانداقلارچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنچە قىممەتلىك بىر تارىخىي سىمۋول بولۇپ قالغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭدا بىرنەچچە تۈرلۈك سەۋەب بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«ساتۇق بۇغراخان ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ئۇلۇغ ئەۋلىيالىرىنىڭ بىرىدۇر. تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا ساتۇق بۇغراخان مۇنۇ ئۈچ سەۋەبتىن كىشىلەرگە بەكمۇ تونۇشلۇق بىر شەخس بولۇپ قالغان. بىرىنچى، شۇ قەدەر بۈيۈك بىر ئەسەر ساتۇق بۇغراخاننىڭ نامىغا بېغىشلىنىپ ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ ئەسەر بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى يىپەك يولىدىكى باشقا جەڭگىۋار ئەۋلىيالارنىڭ تەزكىرىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مەن ئىلگىرى بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ئىدىم. ئىككىنچى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىسلام دىنىغا كىرگەن تۇنجى تۈركىي پادىشاھ دەپ ياد ئېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ رايوندىكى ئىسلام دىنىنىڭ 10-ئەسىرلەردىكى مەنبەسىنى ساتۇق بۇغراخاندىن باشلايدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ زات تارىخشۇناسلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر كىشى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇ خانىدانلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەخمىنەن 10-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردىكى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا بەك مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۈيۈك سۇلالىلەرنىڭ بىرىدۇر.»

جېف ئېدېننىڭ مەزكۇر ئەسىرىگە مۇقەددىمە يازغان تارىخشۇناس رايان سامنىڭ پىكرىچە، بۇغراخانلارنىڭ قىسسەسى تارىم ۋادىسىنىڭ ئۆتكەن مىڭ يىللىق مەدەنىيەت مۇساپىسىدە بارغانسېرى مەشھۇرلۇققا يۈز تۇتقان. چۈنكى كۆچمەن ھاياتنى تەمىن ئەتكەن تاغ تىزمىلىرى بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ چەكسىز بوشلۇقى ئۆتكەن مىڭ يىل ئىچىدە دەسلەپكى بۇددىزم دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشقا يۈز تۇتقان تۈركلەرگە ئەسىر بولۇشى، موڭغۇللارنىڭ ئىستېلاسىدىن كېيىنكى مۇستەقىل خانلىقلارنىڭ يېڭى شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىشى، سۇفىيلار نەسەبىنىڭ خانلىق ئىمتىيازلارغا تەرەققىي قىلىشى، ئەڭ ئاخىرىدا مانچۇلارنىڭ ئىستېلاسى بىلەن تارىمنىڭ تەقدىرى خىتايغا باغلاپ قويۇلغانلىقىدەك بىر مۇرەككەپ جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن. تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ زور ئېتنىك تۈركۈم، توغرىراقى قاراخانىيلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بولسا نۆۋەتتە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت دۇنياسىنى يېڭىۋاشتىن قايتا قۇرۇپ چىقىش خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان، مۇشۇ ساھەگە مەنسۇپ مىڭلىغان ئەسەرلەر كۆيدۈرىلىۋاتقان ئەھۋالدا ساتۇق بۇغراخاننىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىنمۇ بەكرەك ھۇزۇرلۇق ئىش يوق ئىكەن.

جېف ئېدىن بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ھازىر مۇشۇ خىلدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان بەكمۇ مۇھىم مەزگىلدۇر. بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى ئويلىساملا بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دەل ۋاقتىدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ ئەسەر دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىر شاھانە ئەسەر. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ بىر تارىخىي ۋە ئەدەبىي نەمۇنە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا يورۇقلۇققا چىقىشى ئوخشاشلا مۇھىم بولسىمۇ، ھازىرقىدەك جىددىي پەيتتە بۇ خىلدىكى ئەسەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى پەۋقۇلئاددە روشەن بولماقتا. يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستاندا دۇنياغا كەلگەن كۆپلىگەن قوليازمىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھازىر خىتاينىڭ سىرتىدىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ تەكچىلىرىدىن كۆرمەكتىمىز. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىدە بولسا مۇشۇ خىل قوليازمىلار ساقلىنىدىغان خانىقالار، مازارلار ۋە دىنىي مۇئەسسەلەرنىڭ بارغانسېرى كۆزدىن يۈتۈشكە باشلاۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. شۇڭا مۇشۇ يوسۇندا يوقىلىشقا يۈز تۇتقان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى ھازىر بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم.»

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.