تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى قاتارلىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ۋاقتىدىن ھالقىغان مىراس يىپەك يولى» كۆرگەزمىسى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىپەك يولىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تەتقىقاتچىلار سۆز قىلىپ، تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك يولى ۋە تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«يىپەك يولىنى تونۇشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن جانلاندۇرۇش ئىش پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بولۇپ يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان 60 نەپەر تەتقىقاتچى يىپەك يولىنىڭ تارىخى شۇنداقلا مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئەدەبىيات جەھەتلەردە ئىنسانىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ۋارىس چاكان ۋە ئىستانبۇل گېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور خەدىچە ۋەلى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى پىروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش، يىپەك يولى پىلانىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پىلان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پىلانىنىڭ خىتاي ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ قاتنىشىدىغان خەلقئارالىق چوڭ بىر تۈرگە ئايلىنىشتىن ئىبارەت يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «خۇسۇسەن خىتاينىڭ ‹بىر يول بىر بەلباغ تۈرى› بىلەن تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹يىپەك يولىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇش پىلانى› نىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر يول ئىكەنلىكى ئاياندۇر. بۇ خىل مۇھىم تۈرنىڭ دۇنيا تىجارىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭ ھەسسە قوشۇش بىلەن بىرگە بۇ يولنى تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ۋاسىتە بولىدۇ».
يىغىندا سۆز قىلغان تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى شۇنداقلا كونيا شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر ئىبراھىم ئالتاي، تىللارنى، مەدەنىيەتلەرنى، دىنى ئېتىقادلارنى ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغان يىپەك يولىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى، ئوخشىمىغان كۆپ تەرەپلىمە نۇقتىلاردا تەرەققىي قىلغان ئىنسانىيەتنىڭ مىراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، تارىخ بويىچە تۈركلەر ياشىغان رايونلاردىن ئۆتكەن بۇ يىپەك يولىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەرب تەرەپكە باشلىغان كۆچۈش جەريانىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا، «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنكى كۈنگىچە تۈرك دۇنياسى ۋە يىپەك يولى»، «تىجارەت ۋە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تارماقلىرى»، «يىپەك يولىنىڭ شەھەرلىرى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىمىز»، «يىپەك يولىدا تۈرك ئەدەبىيات ۋە تەپەككۇر تارىخى مىراسى»، «سەنئەتلەر ئۇچراشقان تۈگۈن يىپەك يولى ۋە بىناكارلىق سەنئەت ئەنئەنىسى»، «تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكى، رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ھەمكارلىشىشلار»، قاتارلىق ئاساسىي تېمىلاردا تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلىرىنى سۇندى.
يىغىندا سۆز قىلغان پىروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى، «يىپەك يولىنىڭ تارىخى ئاساسلىرى» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ۋارىس چاكان، «تارىختا ۋە بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىپەك يولىدىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رولى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
ئۇ، سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا شەھەرلىشىش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان، كارىز قۇدۇقلىرى ۋە قۇرۇلۇش بىناكارلىق سەنئەتلىرى بىلەن ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەم مەھمۇد قەشقىرى قاتارلىق ئالىملىرى بىلەن يىپەك يولى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا پىكىر بايان قىلغان پىروفېسسور دوكتور ئىلياس كەمال ئوغلۇ ئەپەندى، «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ مەسىلە مەۋجۇت، بېسىم ۋە مونوپول قىلىش سىياسىتى بار، بۇ قىلمىشلار بۈگۈنكى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ»، دېدى.
يىغىندا يەنە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە مەتبەئەچىلىك» دېگەن تېمىدا، دوكتور خەدىچە ۋەلى، «يىپەك يولىدا يىپەكلىك رەخت توقۇش ۋە قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىدا يىپەك توقۇمىچىلىقى»، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل «يېڭى يىپەك يولىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى»، پىروفېسسور دوكتور ئۆمەر سونەر ھونكان ئەپەندى، «يىپەك يولىدا تۈرك خاقانلىقى ۋە قاراخانىيلارنىڭ پۇللىرى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىلمىي ماقالىلەر يىغىندىن ئىلگىرى توپلىنىپ كىتاب ھالەتتە نەشر قىلىنغان بولۇپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ھەقسىز تارقىتىلدى.