خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان «يۇمشاق كۈچ» ئىستراتېگىيەسىگە يوشۇرۇنغان غەرەزلەر
2024.05.28

«خىتاي ئارخىپى» (ChinaFile) تورىدا يېقىندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا «پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئائىلىنى سۆيۈش» تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاشقۇنلۇقتىن «ئازاد» قىلىش نامىدا ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيەت ئەلچىلىرى» يېتىشتۈرۈش دولقۇنىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى شەرھلەنگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئاپتور بۇ ھەقتىكى قارىشىدا، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىلدىكى تەدبىر-سىياسەتلەرنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«بېيجىڭنىڭ يېمەكلىك ھەرىكىتى -يېمەكلىك ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش» (Beijing’s Culinary Crusade: Erasing Uyghur Identity Through Food) سەرلەۋھىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئامېرىكادىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. تىمۇسىي گروس خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «خەلق ئارىسىغا كىرىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش» پائالىيىتى ھەققىدىكى ئېلان قىلىنغان دوكلات ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «بىر تۈركۈم زامانىۋى مەدەنىيەت ئەلچىلىرى» يېتىشتۈرۈش دولقۇنى توغرۇلۇق ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر يېمەكلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇندىكى ماقالىدىن مىسال ئېلىپ مۇندا يازغان: «دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىنىڭ بەزى رايونلاردىكى خىتاي توپىغا بولغان پايدىسىز تەرەپلىرى تىلغا ئېلىنىش ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ‹قالاق› دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئۇيغۇرلارغا ‹ئاڭلىق ۋە تەھدىتسىز› ھالدا قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تازىلىق، زامانىۋىلىق ۋە نورماللىقنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان بىر يۈرۈش ‹خەن› ئۇسلۇبىدىكى خىتايچە تەملىك تائام-يېمەكلىكلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ يېمەكلىك مەسىلىسىدە، ئۇلار دائىم يەرلىك رايوندىكى ئاياللارنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىدۇ.»
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىستېمىلىق ۋە قاراتمىلىق ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ھەمدە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاياللارنى نىشان قىلىپ، رايوندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
تىمۇسىي گروس مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «مودا كىيىم-كېچەك پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن تارتىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەشكىچە، خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئاياللار بىرلەشمىسى بۇ تۈردىكى ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. دېمەككى، بارلىق خىتاي ئاياللار بىرلەشمىسى ئوينىغان ئاساسلىق رول پارتىيەنىڭ لوگىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنى، ‹مۇقىم بولغان شىنجاڭنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ‹ئازاد قىلىنغان› ئاياللارنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قالاق ۋە «ئاشقۇن» يەرلىك مەدەنىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.»
«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاياللارغا قىلغان ھۇجۇمى بەك قورقۇنچلۇق. چۈنكى ھەممىمىز ئائىلىدە ئاياللارنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن ئاياللارنى زورلاپ تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش، ئاندىن شۇ ئارقىلىق بالىلارنى ھەتتا ئەرلەرنىمۇ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىشنى نىشان قىلغان. ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان بۇ زىيانكەشلىك سىياسىتى ئوبيېكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا، رايوندىكى ئاياللارنى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.»
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاياللارنى نىشان قىلغان بۇ تۈردىكى سىياسىي-تەدبىر ۋە بىر قاتار پائالىيەت، ھەرىكەتلەرنىڭ يەنە بىر جەھەتتىن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، بۇنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدىكى ئىنتايىن رەھىمسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ‹زامانىۋىلاشقان مەدەنىيەتلىك ئاياللارنى تەربىيەلەش› نامىدىكى بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرى قارىماققا بىر خىل تەربىيە-مائارىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇ بىر خىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتۇر. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئۆزئارا بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان، نازارەت قىلىدىغان، قارشى تۇرىدىغان، ھەتتا توقۇنۇشۇپ قالىدىغان كىچىك ئائىلە مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئائىلىنى بىر-بىرىگە قارشى كىچىك جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا، خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۆزىنىڭ يۇمشاق ۋە زوراۋان ئۇسۇللىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، رايوندىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ماھىيەتتە ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان كوممۇنىزمغا يېتىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىگە يەتمەكچى.»
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارەت داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى تۇتقان مۇھىم رولى ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ تۈردىكى ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيەت ئەلچىلىرى» تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.
نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا «تەربىيەلەش» نامىدا ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان بىر يۈرۈش سىياسىي-تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئەندىشىلەنمەكتە.