يۈسۈپجان ئەمەت 2-نويابىر كېچىدە ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار دېگەن رايونىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئوق ئېتىلىپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى. 11-ئاينىڭ 5-كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ ئەھۋالى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىنغان. بىر ھەپتە جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ بىرىنچى دەرىجىلىك جىددى قۇتقۇزۇشتىن ئۆتۈپ تەدرىجىي ھالدا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بىز بۇ ھەقتە شەخسەن يۈسۈپجاننىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئەمما دوختۇرلار تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلمىدى ۋە جىددىي قۇتقۇزۈش بۆلۈمىگە كىرىشكە رۇخسەت يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يۈسۈپجانغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئيىتى» باش كاتىپى دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىزباسار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
نۇرىددىن ئەپەندى يۈسۈپجاننىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىلىپ بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالانغانلىقىنى، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئەھۋالى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ، جىددىي قۇتقۇزۈشتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇرىددىن ئەپەندى يۈسۈپجاننىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالىنىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە نورمال دەرىجىلىك بالنىتساغا يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى، بىراق كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ھەم يۈسۈپجاننىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دوختۇرلار يۈسۈپجاننى ئۆيگە يۆتكەشنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ھازىر كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن يۈسۈپجاننى باشقا دوختۇرخانىلىرىنىڭمۇ قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق كېسەللەرنى باقىدىغان مەخسۇس ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ يول مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالى ئېغىر، بوينىنىڭ ئاستى تەرەپ ئىشلىمەيدۇ، ھەرىكەت قىلالمايدۇ، دوختۇرلار ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقىنى، يول يۈرەلمەيدىغانلىقىنى، نەپەس ئېلىش ئۈسكۈنىسىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دۆلەتنىڭ بۇ خىل كېسەللەرنى بېقىش ئۆيلىرىگە قوبۇل قىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ يول مېڭىۋاتىمىز.»
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، يۈسۈپجان 2-نويابىر كېچىدە ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار دېگەن رايونىدىكى دوستىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالىدىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن قۇراللىق سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى. نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئاتقۇچىنى تۇتقان ياكى تۇتالمىغانلىقى توغرىسىدا تېخىچە مەلۇمات بەرمىگەن. بىراق نۇرىددىن ئەپەندى بۇ ھەقتە ساقچىلار ۋە ئىچكىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
جانابىي ئاللاھتىن يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ پات پۇرسەتتە ياخشى بولۇپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز.