ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

21-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى، «قۇتادغۇ بىلىك» يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، دوكتورلار، زىيالىيلار شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ، 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەمدە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ بۇنىڭدىن 10 ئەسىر بۇرۇنقى ھەم شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندىكى قىممىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

كېيىن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىلانلىشى ۋە نەشرگە تەييارلىشى بىلەن يېقىندا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ يېڭى نەشرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

كېيىن دوكتۇر مەغپىرەت كامال ۋە پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى سۆز قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەدە قايتا نەشر قىلىنىشى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىغىننىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە بۆلۈمىدە دوكتور نۇرانىيە ئەكرەم «‹قۇتادغۇ بىلىگ› تىكى ئاسترونومىيەگە دائىر مەلۇماتلار» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ ماقالىسىدە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ناملىق بۇ ئەسىرى تۈرك دۆلەتچىلىكى ۋە سىياسىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيا مىقياسىدا قائىدە-تۈزۈم ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشى جەھەتتە ئاساسلىق بىر مەنبە ۋە قىممەت قاراش بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

دوكتۇر نۇرانىيە ئەكرەم خانىم ماقالىسىدە يەنە «قۇتادغۇ بىلىگ» تىكى قائىدە-تۈزۈملەر ۋە پرىنسىپلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە پەيدا قىلغان ئېكولوگىيە ۋە ياشاش مۇھىتى جەھەتلەردىكى بىر قاتار كىرىزىسلارغا نەزەر سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 24 يىللىقى، مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى. ئۇلار «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

2019-يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى، يەنى UNESCO نىڭ 2017-يىلى نويابىردا چاقىرىلغان 39-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئەزەربەيجان بىلەن قازاقىستاننىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن 2019-يىلىنى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان مەشھۇر ئەسەر ‹قۇتادغۇ بىلىگ› نىڭ 950 يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەش يىلى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر تۈركىيە، تۈرك دۇنياسى ۋە دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا «يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقىنى خاتىرىلەش» نامىدىكى يىغىن ۋە مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزمەكتە.