مەھدى ھەسەننىڭ گاۋ جىكەي بىلەن «يۈزلىشىش» پىروگراممىسىدىكى مۇنازىرىسى قىزىق تېمىغا ئايلاندى
2024.08.14
ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ «يۈزلىشىش» ناملىق پىروگراممىسىنىڭ تونۇلغان رىياسەتچىسى مەھدى ھەسەن 9-ئاۋغۇست كۈنىدىكى پىروگراممىسىدا ھەربىي كۈچىنى مىسلىسىز ئاشۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ يەرشارىۋى غايىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىككە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇنازىرە تېمىسى قىلغان. ئۇ بۇ مۇنازىرىگە چەت ئەللەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى بولۇپ تونۇلغان ۋىكتور گاۋ يەنى گاۋ جىكەينى تەكلىپ قىلغان.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن دېڭ شىياۋپىڭنىڭ تەرجىمانى بولۇپ خىزمەت قىلغان گاۋ جىكەي ھازىر بېيجىڭدىكى ئاتالمىش «خىتاي ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» دەپ ئاتالغان ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئۇ چەت ئەل ئاخباراتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەللىرىنى سادىقلىق بىلەن قوغداش ۋە ئۇنىڭ زۇۋانى بولۇش بىلەن تونۇلغان.
مەھدى ھەسەن مۇنازىرە پىروگراممىسىنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنى مىسلىسىز دەرىجىدە ئاشۇرۇشى، قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشى ھەمدە تەيۋەنگە قاراتقان ئۇرۇش تەھدىتىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ.
ئاندىن مەھدى ھەسەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى مۇنازىرىگە قويىدۇ. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇنازىرە تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلىدۇ:
مەھدى ھەسەن: «ئەمدى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كېلەيلى گاۋ ئەپەندى. سىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى قېرىنداشلىرىم، دەيسىز. ئۇنداقتا سىز ئاز دېگەندە يېرىم مىليون قېرىندىشىڭىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرغا قامىلىشىغا قانداق قارايسىز؟ قۇرامىغا يەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 5 پىرسەنتى تۈرمىدە. بۇ، دۇنيا بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قامىلىش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا دېگەنلىك.»
گاۋ جىكەي: «ئۇيغۇرلار خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ شەرەپلىك بىر ئەزاسى. ئۇيغۇرلار مېنىڭ ھەقىقىي قېرىنداشلىرىم. مەن نۇرغۇن قېتىم شىنجاڭغا بارغان، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئادىل ئەمەس، دەپ ئەيىبلەۋاتقانلار ئىسپات كۆرسەتسۇن.»
مەھدى ھەسەن: «بۇ رەقەملەرنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ مەلۇماتلارنى نەدىن ئالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار بۇ رەقەمنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن ئالغان. بۇلار شىنجاڭ خەلق ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى (xinjiang high people procuratorate) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار. بۇندىن باشقا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىمۇ سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە-20-10 پىرسەنتىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ئاز دېگەندە يېرىم مىليون كىشى تۇتقۇندا، دەپ ئېلان قىلدى.»
گاۋ جىكەي بۇنىڭ بىلەن دەرھال يۇقىرىدىكى تەشكىلاتلارنى قارىلاشقا، ئۇلارنى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەشكە باشلايدۇ. مەھدى ھەسەن گاۋ جىكەيگە رەددىيە بېرىدۇ.
مەھدى ھەسەن: «سىز مېنى مەنبە كۆرسەت، دېدىڭىز، كۆرسەتتىم. ئۇنداقتا مەن سىزدىن سوراپ باقاي، شىنجاڭدىكى تۈرمىلەردە زادى قانچىلىك تۇتقۇن بار؟»
گاۋ: «مەن قانچىلىك ئادەم بارلىقىنى بىلمەيمەن.»
مەھدى ھەسەن: «توختاپ تۇرۇڭ، سىز مەن دېگەن نومۇرغا قوشۇلمايسىزيۇ، بىراق قانچىلىك ئادەم بارلىقىنى بىلمەيمەن، دەيسىز. بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. ماڭا ئېنىق سانىنى دەپ بېرىشىڭىز كېرەك.»
گاۋ: «مەھدى، مەن شىنجاڭغا بەك جىق بارىمەن، ئۇلار ئىنتايىن خۇشال، ئۇلار ھاياتىدىن ۋە دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەمنۇن».
مەھدى ھەسەن: «ماڭا پەلسەپە لازىم ئەمەس، ماڭا رەقەم لازىم. سىز سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي گەپ يورغىلاتسىڭىز بولمايدۇ. سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭ.»
گاۋ: «ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر.»
مەھدى ھەسەن: «سىز ماڭا ئېنىق رەقەم بېرەلمەيسز-يۇ، ئەمما شىنجاڭدا كىشىلەر بەختىيار دەيسىز. سىلەر ئادەملەرنىڭ شىنجاڭغا ئەركىن-ئازادە بېرىشىغا، ژۇرنالىستلارنىڭ خالىغانچە بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويمايسىلەر.»
گاۋ جىكەي: «ئۇنداق ئەمەس. ئۇنداق ئەمەس. مەن سىزگە ۋەدە بېرىمەن. مەن سىزگە خۇشاللىق بىلەن ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭغا ئاپىرىمەن.»
مەھدى ھەسەن: «ياق، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. مەن سىزنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىڭىزنى خالىمايمەن. مېنىڭ ئۇ يەرگە ئەركىن ھالدا بارغۇم بار. بۇنىڭغا رۇخسەت قىلالامسىلەر؟»
گاۋ جىكەي بولسا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي، بىر مەھەل تېڭىرقاپ قالىدۇ ۋە «بۇنىڭغا مەن قارار قىلالمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زالدىكى سۆھبەتنى كۆرۈپ ئولتۇرغان كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.
مەھدى ھەسەن بۇ مۇنازىرە پىروگراممىسىغا ئۇيغۇر ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسئەتنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ رەيھان ئەسئەتكە خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەت ھەققىدە گاۋ جىكەيدىن سوئال سوراش پۇرسىتى بېرىدۇ.
ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت «ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تېخنىكا ساھەسىدىكى تونۇلغان بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر مەھەل خىتاي ئاخباراتلىرىدا چاقنىغان يۇلتۇز دەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى» ئېيتىپ، گاۋ جىكەيدىن ئىنىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە غايىب قىلىۋېتىلىشىگە قانداق ئىزاھات بېرىدىغانلىقىنى سورايدۇ.
گاۋ جىكەي بولسا بۇ سوئالغا «خىتايدا 20 دەك مۇسۇلمان مىللەتلەر بار، نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىمىز، دەيدىغان رادىكاللار پەقەت ئۇيغۇرلاردىنلا چىقىدۇ؟ چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى CIA ۋە باشقا غەرب ئورگانلىرىنى ئارقا تېرەك قىلىۋالغان رادىكاللار بار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
رەيھان ئەسئەت بولسا بۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنى دەسلەپتە «مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە ئالغاندا ئەگەر ئىنىسى ھەقىقەتەن شۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا كۆپ دېگەندە 3 يىل قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئەمما ئىنىسىغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. رەيھان ئەسئەت مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي مېنىڭ ئىنىمنى 15 يىل كەستى. مەن ئۇلارغا ئۆز قانۇنىدىكى ماددىلار بويىچە رىقابەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار دەرھال ئېنىمگە قىلغان ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىۋالدى. خىتاينى قانداقمۇ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت بولسۇن؟»
ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت ئىنىسىنىڭ ھېچقانداق بۆلگۈنچىلىك، مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ياش دەپ تەقدىرلەنگەن بىرى ئىكەنلىكىنى دەيدۇ ۋە ئىنىسى بىلەن 8 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
مەھدى ھەسەن پىروگرامما داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاققا ئۇچراش مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. گاۋ جىكەي بۇنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ ۋە ھەتتا «سىز تىلغا ئالغان بۇ قىيىن-قىستاقلارنى ئامېرىكا گۇانتانامودا قىلغان، ئىراقتا قىلغان،» دېيىش ئارقىلىق ئەيىبلەشنى يەنە ئامېرىكاغا قارىتىدۇ.
مەھدى ھەسەن بولسا گاۋ جىكەيدىن: «بۇ گېپىڭىزگە ھەقىقەتەن قىزىقىپ قالدىم. سىز ئامېرىكانىڭ ئىراقتا قىيىن-قىستاق ئېلىپ بارغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟ ئۇنى قانداق ئۇقتىڭىز؟» دەپ سورايدۇ. گاۋ جىكەي «مەن ئىراقنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇ ئالدىمدا يىغلاپ كەتكەن ئىدى.» دەيدۇ. مەھدى ھەسەن بۇنىڭغا: «مەن ئىشىنىمەنكى، رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق يىغلاۋاتىدۇ. لېكىن سىز بۇنىڭغا ئېرەڭشىمەيدىغاندەك قىلىسىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆز ئالىدۇ. گاۋ جىكەيدىن ئۆزىنىڭ 82 ياشقا كىرگەن ئانىسى بىلەن 7 يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقىنى، بۇنى نېمە دەپ ئىزاھلايدىغانلىقىنى سورايدۇ.
ۋېكتور گاۋ ئوخشاشلا يەنە «ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۇلار خىتايغا مۇتلەق بويسۇنغان تەقدىردە، شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى» دەيدۇ. بىراق ئۇنىڭ بۇ جاۋابى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.
پىروگرامما داۋامىدا مەھدى ھەسەن يەنە گاۋ جىكەيدىن «خىتاينىڭ بىر مۇستەبىت دۆلەتلىكى، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مۇستەبىتتىنمۇ بەك مۇستەبىت بىر رەھبەرلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلغانلىقى» غا دائىر ئۆتكۈر سوئاللارنى سورايدۇ. گاۋ جىكەي بولسا خىتاينىڭ يۇقىرىدىكىدەك سىياسەتلىرىنى قارىغۇلارچە ئاقلاش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ.
مەھدى ھەسەننىڭ گاۋ جىكەي بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، ئۇ «X» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلەندى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن كىشىلەر گاۋ جىكەينىڭ «ئۇيغۇرلار يۇرتلىرىدىكى ئائىلىسى بىلەن سۆزلىشىمەن دېسە، بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللىشى كېرەك» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى دېيىشتى.