ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر دەۋەتچى دىنىي ئالىم دوكتور زاكىر نايىك، 9-ئاۋغۇست كۈنى مالايشىيانىڭ كېلانتان رايونىدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئېچىلغان چوڭ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور زاكىر نايىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرىنى 30 مىڭ كىشى قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يىغىندا قىلغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادا ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەردىن بىر سوئال سوراپ باقاي، ھازىر دۇنيادا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان مىللەت قايسى؟ بىرمادىكى روھىڭگا مۇسۇلمانلىرىمۇ؟ پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارمۇ؟ قېنى ئويلاپ بېقىڭلار. مەنچە بولغاندا ھازىر ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولسا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدۇر. ئەلۋەتتە بىرمادا ۋە پەلەستىندىمۇ مۇسۇلمانلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، ئەمما خىتايدىكى زۇلۇم باشقىچە بىر دەرىجىدە بولماقتا. چۈنكى، پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ھېچ بولمىغاندا ناماز ئوقۇيالايدۇ، ئۇلار ئاللاھۇئەكبەر دېيەلەيدۇ، ئۇلار روزى تۇتالايدۇ، ئۇلار قۇرئان ئوقۇيالايدۇ، ئەمما خىتاي ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ».
دوكتور زاكىر نايىك سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ئىككى تۈرلۈك مۇسۇلمانلار بولۇپ بىرى بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، يەنە بىرى تۇڭگانلار، گەرچە ئۇلاردىمۇ ناھەقچىلىك بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ناماز ئوقۇش، روزى تۇتۇش چەكلەنگەن، رامىزاندا تاماق يېيىشكە زورلايدۇ، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ، ئەرەب تىلى ئۆگىنىشكە يول قويمايدۇ، كىمىكى دائىرىلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا دەرھال لاگېرلارغا يوللايدۇ. خىتايلار بۇنى تەربىيىلەش مەركىزى دەيدۇ، ئۇ يەردىكىلەر تۈرلۈك قىيىن-قىستاق، دەخلى-تەرۈزلەرگە ئۇچرايدۇ، دىنىدىن ۋاز كېچىپ كوممۇنىزمنى قوبۇل قىلىشقا زورلىنىدۇ، كامېرا ۋە يۈزىنى تونۇتۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ».
دوكتور زاكىر نايىك سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنى پاش قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەممىسى غەيرىي مۇسۇلمان تەشكىلاتلار بولۇپ، بىر ئاي بۇرۇن يەنى 7-ئايدا 22 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللاپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 195دۆلەت بار بولسىمۇ پەقەت 22 دۆلەت بۇ دەپسەندىچىلىككە قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئۇلار ھەممىسى غەيرىي مۇسۇلمان غەرب ئەللىرى بولۇپ، بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى ئېتىراز بىلدۈرمىگەن. دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تۆتتىن بىرى، يەنى 56 دۆلەتتە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق 22 غەرب دۆلىتى قارشى تۇرغان، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىچۇ؟ بەلكىم ئۇلار بىز مۇسۇلمانلار ئاجىز، قارشىلىق كۆرسىتىش بىزگە مەنپەئەت بەرمەيدۇ دەپ قارىغاندۇ؟، ئەگەر ئۇلار مۇشۇنداقلا ئويلاپ جىم تۇرغان بولسا بۇنى بىرتەرەپتىن توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى، ئەگەر ھەرىكىتىدە، ئىپادىسىدە قارشىلىق قىلالمىسا قەلبىدە بولسىمۇ بىلىپ سۈكۈت قىلسا ئىسلام دىنىنىڭ چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىچىك زىيانغا يول قويۇش پىرىنسىپىنى قوللانغان بولاتتى، ئەگەر قارشى تۇرسا ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە زىيان بولىدىغان ئىش بولسا، ھەرىكىتى بىلەن، تىلى بىلەن قارشىلىق قىلالمىسا سۈكۈت قىلغان بولسا ئىسلامدا يول بار ئىدى، بىراق ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى، نەچچە كۈندىن كېيىن 37 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلمىدى، مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلمىدى، ئۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارنى تەربىيەلەۋاتىدۇ دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 15 مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى مالايشىيا ئۇنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالمىدى. مەن بۇ دۆلەتلەرنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايمەن، چۈنكى مەن مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىشنى نىشان قىلىمەن، ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنمەن، ھەر قېتىم مەن دەۋەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزىمەن، بىراق ئاڭلاش-ئاڭلىماسلىق ئۇلارنىڭ ئىلىكىدە. مەن ئۇلارنى ئوسال قىلىپ قويماقچى ئەمەس، پەقەت ئۇلاردىن شۇنى تەلەپ قىلماقچىمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ›مۇسۇلمانلار بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىر قىسمى ئاغرىسا ھەممە قىسمى ئاغرىق ھېس قىلىپ، ئۇنى بىرلىكتە قوغدايدۇ‹ دېگەن. مانا بۇ بىر ئۈممەتتۇر».
دوكتور زاكىر نايىكنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلىگەن سىنئالغۇ ۋىدىيوسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەت تارقىتىلدى.
بىز دوكتور زاكىر نايىكنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالغان باياناتلىرى توغرىسىدا، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇسالام ئالىم پىكىر بايان قىلىپ، دوكتور زاكىر نايىكتەك دۇنيادا تونۇلغان بىر ئالىمنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دوكتور بۇرھان سائىتى ئەپەندىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور زاكىر نايىك كىم؟
دوكتور زاكىر نايىك ئەسلى ھىندىستانلىق بىر ئوپېراتسىيە مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 1965-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ، دىنى دەۋەتچى بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يىغىنلارغا قاتنىشىپ دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر كىشى. ئۇ ئىنگلىزچە، ئوردۇچە ۋە بېنگالچە پروگرامما تارقىتىدىغان «پەاچە تۋ» (Peace TV) تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ۋە ھىندىستاندىكى ئىسلام تەتقىقات فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەن.