ئادرىيان زېنز: «شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ‹مۇۋەپپەقىيىتىنى› كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈندۇر»

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەككىز يىلدىن كېيىن، يەنى 2014-يىلى مايدا «زوراۋان-تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى يولغا قويغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا تۇيۇقسىز زىيارەتكە كەلگەن.

شىنخۇا تورىنىڭ 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنيازنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى، شىخەنزە ۋە تۇرپان قاتارلىق بىر قانچە شەھەرلەردە «تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارغان.

ما شىڭرۇي ئۆتكەن يىلى 25-دېكابىر زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېر، ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى «پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە مەقسەتلىك» كونترول قىلىش قاتارلىق، «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەنىدى. ئەركىن تۇنياز بولسا 2022-يىلى 27-يانۋار كۈنى رەسمىي رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن بولۇپ، رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى شى جىنپىڭنى يادرو قىلغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلايدىغانلىقى» توغرىلىق ۋەدە بەرگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولدى. 2022-يىلى 15-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئىجراچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي تۆمۈر يول تېز پويىزى ئۈرۈمچى قۇراشتۇرۇش مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇ زىيارەت جەريانىدا «پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش»، «ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى قوغداش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

شىخەنزە شەھىرىدە مەخسۇس «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نى ۋە ئۇ يەردىكى پاختا تېرىش بازىلىرىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت جەريانىدا بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر» لىكىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق «سىرلىق» ۋە «تۇيۇقسىز» زىيارىتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان تەتقىقاتچى، دوكتور ئادرىيان زېنز ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ «تۇيۇقسىز» زىيارىتى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى ناھايىتى مۇھىم بىر شەھەر، چۈنكى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ مەخپىي نۇتقىنى سۆزلىگەندىن كېيىن 2014-يىلى ئاپرېلدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان. ئاشۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە بىر پارتلاش بولغان ۋە شۇ پارتلاش ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زىيارىتىنىڭ يۆنىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇڭا بۇ قېتىم ئاشۇ ۋەقە بولغان رايونغا قايتىشى ئەينى ۋاقىتتا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشى ۋە يېڭى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ‹مۇۋەپپەقىيىتىنى› كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇ بۇ زىيارەت ئارقىلىق خەلقئاراغىلا ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىگىمۇ ‹بېيجىڭ ئۇيغۇر رايونىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى. ئەمدى ھېچقانداق زوراۋانلىق، مۇقىمسىزلىق يوق. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. › دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتماقچى. ئامېرىكا يولغا قويغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئەكسىچە، رايونغا بولغان كونتروللۇقتىن باشقا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كۆرسەتمەكچى بولغان».

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ رەئىسلىككە تەيىنلىگەن ئەركىن تۇنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغان ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاپ 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەنىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، بىڭتۇەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا يانتاياق بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە قاراشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بىرقىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو قويغانلىقنى بىلدۈرگەنىدى.

شى جىنپىڭ بۇ زىيارەت جەريانىدا باشتىن-ئاخىرى «مۇقىملىق»، «ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات» ۋە «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇپ، كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىگە ئەمەل قىلىش» قاتارلىق سىياسەتلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆزەتكەنلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرمەكچى بولغان».

ئادرىيان زېنز ئەپەندى خىتاينىڭ بىر مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى، سىسىتېمىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ يېقىندا يەنە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشدا ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانىدى.

ئۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ خەلقئاراغا، بولۇپمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول پروگراممىسى» غا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ توغرا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ دۇنياغا كۆرسەتمەكچى بولغىنى ‹بىز مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› دېگەندىن ئىبارەت. خىتايغا قارىتا خەلقئارانىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتتىن توختىماي بىسىم چۈشۈرۈشى مۇھىم. بۇ تەدبىرلەر يەتمەيدۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشتە دۆلەت ئېچىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلىرىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»