ئادرىيان زېنز: شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى يېڭى ئىستراتېگىيەگە، يەنى ئاستا-ئاستا يوق قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنىڭ بىر سىگنالى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2022.07.22
Alim-Seytoff-Adrian-Zenz.jpeg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئەپەندى تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئەپەندىمنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 8-نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئالىم سېيتوف: يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ سىياسىتىنى تولۇق ۋە سادىق ھەمدە يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى» دەپ خەۋەر بەردى، سىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز قانداق؟

ئادېرىيان زېنز: شۇنداق، ئۇنىڭ بۇ باياناتى ناھايىتى مەنسىتمەسلىككە ئىگە. دېمەكچىمەنكى، چۈنكى بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىتىنىڭ بايرىقى ۋە يېتەكچىلىكى ئاستىدا، يەنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.

شۇڭا بۇ بېيجىڭنىڭ سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ناھايىتى مۇھىم مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

بۇ، مېنىڭچە ئۇنىڭ بۇ باياناتى مەنسىتمەسلىك ۋە پەخىرلىنىشتىن ئىبارەت. ئۇ، بۇ ئارقىلىق ھېچ كىشىنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە ئارىلىشالمايدىغانلىقى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ قىزىل سىزىقىنى مۇستەھكەم قوللىشىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

ئالىم سېيتوف: سىزنىڭچە ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قانداق ئىشلار كېلىشى مۇمكىن؟

ئادرىيان زېنز: بۇنى خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلاردىن كېيىنكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇزۇن مۇددەتلىك جەمئىيەت كونتروللۇقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىساق بولىدۇ. شۇڭا ئۇ(شى جىنپىڭ) بېيجىڭنىڭ مىللىي سىياسىتى توغرىسىدا سۆز قىلغان ۋە خىتاي مىللىي سىياسىتى كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئاسسىمىلياتسىيەگە مەركەزلەشكەن. بۇ سىياسەت نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار بەلكىم ئاساسلىق روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. كەلگۈسى ئۇزۇن مۇددەتتىن قارايدىغان بولساق، شى جىنپىڭنىڭ بۇ سىياسەتلىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يوقىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىز بۇنداق يوقىتىلىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ زورلۇقىدىن ناھايىتى رەھىمسىز ھالدا كۈچلۈك زەربە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىشى مۇمكىن، چۈنكى خىتاي تەرەپ ھازىر ئۇنداق قىلىشقا ئانچە ئېھتىياجلىق ئەمەس. بەلكى بۇ رايون تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئۇلار بۇ رايوندا ياشاۋاتقان خىتايلارنى تېخىمۇ بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئەگەر بېيجىڭ، بۇ رايوندىكى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ بولدۇق دەپ ھېس قىلسا، ئۇنداقتا ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ياكى ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشى بىز قورققاندەك ئېغىر بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار خىتايغا تەۋە باشقا ئاللىبۇرۇن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان مىللەتلەرگە ئوخشاش ھېچقانداق مەسىلە ۋە خىرىس پەيدا قىلمايدىغان بولۇپ، ئالاھىدە نىشانغا ئېلىنمايدىغان بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر كىملىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەر ئەمەس، ئەمما بۇ قېتىمقى سىگنالنى بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدىكى كەسكىن ۋە ئېغىر باستۇرۇشتىن يېڭى ستىراتىگىيەگە، يەنى ئاستا يوق قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەمما ئاستا ئۆلۈش ئازابلىق ۋە تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاستا-ئاستا يوقىتىش سىياسىتى بەلكىم ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن چوڭ بىر مەسىلە دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئاستا خاراكتېرلىك باستۇرۇشقا نىسبەتەن خەلقئارانىڭ ياردىمىنى قوزغاش ياكى توپلاش قىيىنغا توختايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ تېخىمۇ قىيىنغا توختايدىغانلىقىدا.

ئەلۋەتتە، گەرچە بۇ خىل سىياسەت ئاستىدا ئۇيغۇرلار تېز سۈرئەتتە ئۇنچە كۆپ ھاياتىدىن ئايرىلىشى يۈز بەرمىسىمۇ، مىللىي كىملىكى ۋە خاسلىقىنى يوقىتىش بەلكىم تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى تۇرغان گەپ.

ئالىم سېيتوف: ئ‍امىرىكا ۋە توققۇز غەرىب دۆلىتىنىڭ پارلامىنتلىرى بۇ ئالتە يېلغا يېقىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغانلىرىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلىغان بولدى. ئەمدى مۇشۇنداق بىر رىئاللىقىتا، سىزنىڭچە ئامىرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىب ئەللىرى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدىن قۇتقۇزۇشقا قاندا ياردەملەرنى ئېلىپ بارالايدۇ؟

ئادرىيان زېنز: مېنىڭچە غەرب توغرا بەدەل تۆلۈتىۋاتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارايدىغان بولساق، بۇنداق بەدەلنى تۆلۈتۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدىغان بولسا، خىتاينىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى ئارتىپ ماڭىدۇ. ئەگەر خىتاي يەنە باشقا خىرىسلارغا دۇچ كەلسە، خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەق رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خاتىلىقلارنى ئۆتكۈزمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدا، خىتايغا بۇ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن غەرىبنىڭ ئۇنىڭغا ئارتىدىغان بەدىلى ئاخىرىدا ئىجابى پەرق ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بۇنىڭ بىز ئەلۋەتتە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيمىز. شۇڭا ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا غەرىب توغرا ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىرى توغرا ئ‍شنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغىنى ئۇزۇن مەزگىلدە دائىم ئىجابىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.