خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 29-ماي تارقاتقان «يۈسۈپ باشقا جايغا كۆچۈپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى» ناملىق سىنلىق مەخسۇس خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلى يەكەننىڭ كاچۇڭ يېزىسى 5-كەنت ئاھالىسى بولغان يۈسۈپ ھوشۇر، ھازىر ئائىلىسى بىلەن قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۈزلەڭلىككە قۇرۇلغان يۇڭئەن رايونى بەخت ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئولتۇرىدۇ. ئۆزى بۇ جايدىكى قەرز كوپىراتىپىدا، ئايالى بولسا بۇ شەھەر ئىچىدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسىغا ئىشقا كىرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ مۇخبىرغا يېڭى شەھەر يۇڭئەن رايونىغا 2017-يىلى كۆچۈپ كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەمىنلىگەن ئۆيىدە ئولتۇرغاندىن سىرت 4 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىگە خىتايچە رەھمەت ئېيتقان.
بۇ خەۋەردە رەت-رەت ئوخشاش شەكىلدە سېلىنغان ئۆيلەردىن باشقا، قاتار-قاتار چوڭ تىپتىكى زاۋۇت، قوتان ۋە پارنىكلار جىپسىلاشقان بۇ رايوننىڭ ھاۋادىن تارتىلغان سۈرەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى قەيسەر ئەلەمشانىڭ خىتايچە: «بىز بۇ كۆچۈرۈش رايونىغا نوپۇس كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنداپ بولدۇق. بۇلتۇردىن باشلاپ بۇ يېڭى شەھەرگە كارخانا ۋە ئىككى ئەلا سۈپەتلىك سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىنى قۇردۇق، 1915 ئائىلە، جەمئىي 10285 ئادەمنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇلاردىن 3985 ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق» دېگەن تونۇشتۇرۇشلىرى بېرىلگەن.
سىن ئارخىپىدىكى بۇ يېڭى رايوننىڭ قاقاس بىر تۈزلەڭلىككە قۇرۇلغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قاتار-قاتار ئوخشاش شەكىلدە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىگە مەھەللە نومۇرى ۋە ئوي نومۇرلىرى يېزىپ قويۇلغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا زەرەپشان دەريا ۋادىسىدىكى بوستانلىق كاچۇڭ، قوشراپ، دامسى قاتارلىق يېزىلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بۇ كىشىلەر ئەسلىدىكى قەدىمى مەھەللىسىدىن، مىللىي خاسلىققا ئىگە ئۆيلىرىدىن، كەڭرى يايلاقلىرىدىن، مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ مانا بۇ خىل ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ياتلاشقان ياشاش ئۇسۇلىغا، يەنى دېھقانچىلىق قاتارلىق كەسىپلىرىدىن ئىشچىلىققا كۆچكەن.
كاچۇڭ يېزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىغا 60 كىلومېتىر، قوشراپ يېزىسى 100 كىلومېتىر، دامسى يېزىسى 130كىلومېتىر ئارىلىقتا بولۇپ، بۇ ئۈچ يېزا زەرەپشان دەرياسىنىڭ تاشقورغان تاغلىرىغا تۇتاش بولغان تاغ ئارىسىدىكى غول ئېقىن بويىدىكى بوستانلىق، گۈزەل مەنزىرىلىك ۋە مۇنبەت ھەمدە قەدىمىي ماكانلاردۇر. خىتاينىڭ (باىدۇ) تورىدا يېزىلىشىچە، 2009-يىلى كاچۇڭنىڭ نوپۇسى 16739، قوشراپنىڭ 14167، دامسىنىڭ 7844 نوپۇسى بار ئىدى. تەڭرىتاغ تورىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا كۆچۈرۈۋېتىلگەن 10287 نەپەر نوپۇس، بۇ ئۈچ يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 25% نى ئىگىلەيدىكەن.
«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2017-يىلى 2-سېنتەبىر تارقاتقان «100 ئائىلىنى نۇقتىلىق كۆچۈرۈش» ناملىق خەۋىرىدىن بۇ 3 يېزىدىكى ئاھالىنى تۇنجى كۆچۈرۈشنىڭ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆي-سايمان ۋە يۈك تاقىلىرى بىلەن تەڭ تاغلىق ئورماندىن ئېلىپ ماڭغان قاتار-قاتار ھەربىي ماشىنىلارنىڭ سۈرىتى قوشۇپ بېرىلگەن بۇ سۈرەتلىك خەۋەردە، قارا قۇرۇم تاغ ئېتەكلىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ياشىغان 100 نامرات ئائىلە قاقاس ئانا يۇرتىدىن يىراقلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ يەكەن ناھىيەسى ئەۋەتكەن 60 ئاپتوموبىل بىلەن زەرەپشان دەرياسىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «كۆچۈش» پەردىسىنى ئاچقانلىقى يېزىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ جاينىڭ ناچار جۇغراپىيەلىك شارائىتىدىن باشقا، تېرىلغۇ يەر قىسلىقى، كىشى بېشىغا ئاران 0. 4 مو يەر، ھوسۇل ئالالماسلىق، نامراتلىق، قالاقلىق بۇ جايدىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكى، تەبىئىي ئاپەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا، ئىشلەپچىقىرىشقا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى «تاغدىن كۆچۈرۈپ يېڭى ئۆيگە كىرگۈزۈش، زامانىۋى مەدەنىيەتلىك ھاياتنى قوبۇل قىلىشنى جىددىي ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش باھانىسىدە كۆچۈرگەن بۇ ئۇيغۇرلار راسلا نامراتمىدى؟ ئۇلار ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن ۋە خالاپ كۆچكەنمۇ؟
دامسى، كاچۇڭ، قوشراپ يېزىلىرىغا قاراتقان تېلېفونلىرىمىزغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىگەن شارائىتتا بۇ سوئالنى يېقىنقى يىللاردا مۇشۇ يېزىلاردىن چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت قىلدۇق. ئەسلى يۇرتى دامسىدىن بولغان 3 يىللار ئىلگىرى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە دامسى يېزىسى خەۋەردە كۆرسىتىلگەندەك دېھقانچىلىق يېرى قسراق جاي ھېسابلانسىمۇ، ئەمما دېھقانلار ئاساسلىق بۇ جايدىكى تەبىئىي كۆمۈر بايلىقى، قاش تېشى، ئوتلاقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىققا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى، نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ 10 يىللار بۇرۇنلا شەخسى ئاپتوموبىللىق، ھاللىق ئائىلىلەر ئىكەنلىكىنى، كۆچۈشكە ھېچ ئېھتىياجى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈردى. ئۇ يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇري كۈچۈرمىسە يۇرتىدا ھېچكىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۆي-ماكانى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى تاشلاپ قاقاس جايلارغا كۆچۈشنى خالىمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان جەسۇر كاچۇڭ يېزىسى 6-كەنتىدىن بولۇپ، خىتاي لاگېرلارنى قۇرغان 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇ كاچۇڭدا قالغان ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ، 10 ياشتىن تۆۋەن ئىككى ئىنىسى كاچۇڭدىكى 300 يېتىم بالا بىلەن تەڭ ياتاقلىق مەكتەپكە قامالغان. ئۇ ئىلگىرى بۇ ھەقتە رادىيومىز ۋە باشقا مەتبۇئاتلارغىمۇ مەلۇمات بەرگەنىدى. ئۇ يۇرتىدىكى خەلقنىڭ كۆتۈرۈلگۈدەك دەرىجىدە نامرات ئەمەسلىكى، تىرىشچان كاچۇڭ خەلقىنىڭ پەقەت دېھقانچىلىققىلا تايىنىپ قالماي، باقمىچىلىق، كانچىلىق ۋە باشقا تاپاۋەت يوللىرىنى ئىزدەپ ياشايدىغان تىرىشچان خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يۇرتداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى لاگېرلارغا قامىلىپ، قالغانلىرىنىڭ مۇشۇنداق شەكىلدە مەجبۇرىي يېڭى جايلارغا كۆچۈرۈلۈپ، گۈزەل ۋە قەدىمىي يۇرتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەگە يەرلەشكەن يەكەنلىك ئۇيغۇرلاردىن يۈسۈپجان، «بۇ يېزىلارغا تۇتاشقان تاغلاردا يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ كۆمۈر كان قۇدۇقلىرى بار بولۇپ، بۇ كۆمۈر كانلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشچىلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى مۇشۇ ئۈچ يېزىدىكى ئادەملەر ئىگىلەيتتى، بۇ يېزىلاردىكى يەنە بىر قىسىم ئادەملەر كۆمۈر سودىگەرلىرى بولۇپ، يەكەننى ئاساس قىلغان، پوسكام، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ تەخمىنەن بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدىكى نوپۇسنىڭ كۆمۈر ئېھتىياجىنى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى كۆمۈر دۇكانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئىدى.» دەيدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ يېزىلارغا تۇتاشقان پامىر تاغلىرىدىن قاش تېشىمۇ چىقىدىغان بولۇپ، يەرلىك خەلق يەكەن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنلىرى تۇتاشقان تاغ ئىچىدىن چوڭ-كىچىك قاش تېشى تېپىپ، ئۇلارنى سېتىپمۇ پايدىلىنىپ كەلگەن.
دەرۋەقە يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەمۇرىي تورىدىكى ناھىيەدىن چىقىدىغان قېزىلما بايلىق كان ئورۇنلىرىنىڭ رەڭلىك خەرىتىلىرى ۋە ساياھەت ھەم مەبلەغ چاقىرىش ئېلانلىرىدىمۇ بۇ جايلاردىكى قاش تېشى كانلىرىنىڭ ئورۇنلىرى كۆرسىتىلگەن
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەرەپشان دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكانلىرىدىن سانائەتلەشكەن ئولتۇراق رايونى بولغان يوڭ ئەن رايونىغا كۆچۈرۈشنىڭ، بۇ كارخانىلارنى ئىشچى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
يەنى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تارقاتقان، «شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيىسى كاچۇڭ يېزىسى يېڭى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىنى قۇرۇش ئۈچۈن كۆچۈرۈلدى، ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى يۇڭ قىرقىماقتا» دېگەن سۈرەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «يېڭى كۆچۈرۈش رايونى يەكەن ناھىيەسىدىن 56 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، 1915 ئائىلە ۋە 10062 ئادەم باشقا جايدىن بۇ شەھەرگە كۆچۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى رايون 2000 قوتان ياساپ، قوي باقمىچىلىق مەركىزى، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىسى، يېزا سېخلىرى، دېھقانلار بازىرى ۋە باشقا ياردەم تۈرلىرىنى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ھەم باي بولۇشىغا ياردەم بەردى» دېيىلگەن.
خەۋەردە، كۆچۈرۈلگەن جايدا 50 مىڭ مو يەر تۈزلەنگەنلىكى ۋە يېڭى ئولتۇراق رايونى، ھويلا قۇرۇلۇشى نامرات كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەم تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن پىلانلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مۇخبىر نەق مەيداندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۆچۈش ئورنىنىڭ «يېڭى شەھەر» گە ئوخشايدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، باقمىچىلىق رايونلىرى، سانائەت رايونىغا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك سېخلىرى ئورنىتىلغان.
خەۋەردە، «قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۆزگەرگىنى نامراتلارنىڭ روھى» دېگەن كىچىك تېما ئاستىدا، «نامراتلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغاش ئۈچۈن ھەر ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ھەر خىل تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ»، دەپ كۆرسىتىلگەن.
«خىتاي خەۋەر تورى» مۇخبىرى تەكشۈرۈش ۋە زىيارىتىنى خۇلاسە قىلىپ: «بۇ كۆچۈش جەرياندا كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئۆزگەردى، ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى ئۆزگەردى» دەپ يازغان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەخسۇس «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» مەخسۇس سەھىپەلىك تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «13-بەش يىللىق پىلان» دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ۋە 160 مىڭ ئادەم مۇشۇ خىلدىكى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن.
0:00 / 0:00