خىتاينىڭ «جازا لاگېرلىرى» 200 كىشىلىك ھەقسىز لەغمەن بىلەنمۇ پاش قىلىندى

0:00 / 0:00

200 كىشىلىك ھەقسىز لەڭمەن بىلەن غەرب كىشىلىرىگە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ئاز كۆرۈلىدىغان ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدۇر.

يەكشەنبە، يەنى 26-ماي كۈنى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئاۋات بازار مەركىزىدىكى ئوچۇق مەيداندا ساياھەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئەتلەس كۆڭلەك، چىمەن دوپپىسى خويمۇ ياراشقان بىر خانىمنىڭ لەڭمەن سوزۇشلىرىنى تاماشا قىلدى. چىمەن دوپپا، كانۋا كۆڭلەك كىيگەن يەنە ئىككى ئەرنىڭ قول-قولىغا تەگمەي لەڭمەن پىشۇرۇشى ۋە سۈزۈپ، سەي سېلىپ ياللىۋالغان كۈتكۈچىلەر ئارقىلىق خېرىدارلىرىغا يەتكۈزۈشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىر گوللاندىيەلىك كىشى بۇ يەردە 200 كىشىلىك ھەقسىز تائام تارقىتىلىدىغانلىقىنى ياڭراتقۇدا ئۈنلۈك جاكارلاپ، يولۇچىلارنى ئۇيغۇر لەغمىنىگە ئېغىز تېگىشكە چاقىرىپ تۇرىدۇ. ئۆزگىچە كىيىم، ئۆزگىچە تائام، ئۆزگىچە ئىلتىپات نامايان بولۇۋاتقان بۇ ئاجايىپ مەنزىرە گوللاندىيەلىكلەرنى ھەم ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم سۆيۈندۈرىدۇ.

200 كىشىلىك لەڭمەن، يەنە تېخى پولۇ ھەم كاۋاپلار بىلەن يەرلىك خەلقنى ھەقسىز مېھمان قىلىپ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇ كىشىلەر كىمدۇر؟

بۇلار ئەلۋەتتە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان روتتېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپ كېلىۋاتقان، قەلبىگە ۋەتەن ئىشقىنى مەھكەم تاڭغان، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرى يۈرىكىگە سىغمايۋاتقان «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن، ئىنىسى قەھرىمان تۇرسۇن ۋە زەينىدىننىڭ ئايالى راھىلە خانىملار ئىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ھەر يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، «5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى» قاتارلىق قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يىل خاتىرىسىنى روتتېردامدىكى ئوچۇق مەيداندا گۈلچەمبىرەك تىزىپ خاتىرىلەپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بىرىدۇر.

بىز د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن ئەپەندىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ روتتېردامدىكى ئوچۇق مەيداندىن تارقاتقان ۋىدىيو نۇتۇقىغا قۇلاق سالدۇق. ئۇ سۆزىدە، روتتېردام ئاھالىسىگە ھەقسىز تائام تارقىتىشتىكى تۈپ مەقسىتىنى «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى يەرلىك خەلققە تونۇتۇش ۋە د ئۇ ق نىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش» دەپ ئىزاھلايدۇ.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى روتتېردامدىكى يەرلىك خەلققە يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز تاماق بېرىپ، مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇش پائالىيىتىنى بىرقانچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، 200 كىشىگە نەق مەيداندا لەغمەن سوزۇپ بېرىش بەكمۇ جاپالىق خىزمەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى يەرلىك خەلققە ئاڭلىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ھاردۇقى چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

200 كىشىگە لەغمەن سوزغان، يەنە پولۇ ۋە كاۋاپلىرىنى پىشۇرغان زەينىدىننىڭ ئايالى راھىلە خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، گەرچە ئەتىسى قوپالمىغىدەك دەرىجىدە قاتتىق ھاردۇق يەتكەن بولسىمۇ، پائالىيەتنىڭ ئۇ قەدەر كۆڭۈللۈك ئۆتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بىر تەرەپتىن تاماق ئېتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتىنى ياڭراتقۇ ئارقىلىق گوللاندىيە تىلىدا چۈشەندۈرگەن زەينىدىننىڭ ئىنىسى قەھرىمان تۇرسۇن ئەپەندىمۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ نەتىجىلىك پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى روتتېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى قىزغىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن ئىكەن. ئۇ، گوللاندىيە دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان شۇ قەدەر كۆپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. زەينىدىن سۆزىدە يەنە، باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قولىدىن كەلگەن دائىرىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.