تونۇلغان شائىرە، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بايراقدارى زەينۇرە ئەيسا خانىم 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.
زەينۇرە ئەيسا خانىم 1985-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاشلاپ، ئىككى بالىسىنى ئېلىپ تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققان. گېرمانىيەدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يەنە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ تۈركىيەدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان تارىخىي رومانلارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى. مەرھۇمنىڭ ھازىرغىچە 5 شېئىرلار توپلىمى ۋە ئىككى تەرجىمە ئەسىرى نەشر قىلىنغان. شائىرە زەينۇرە خانىم 2010-يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا 25 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرىدا 900 ئەتراپىدا شېئىر يازغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن بۇ شېئىرلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە توختالغانىدى.

زەينۇرە ئەيسا خانىم 1985-يىلى ئىككى پەرزەنتىنى ئېلىپ ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىگە كىرگەن ۋاقتىدا كۈتۈۋالغان، ھازىر ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنۇلارنى دېدى: «ھازىر 1985-يىلى يازدا ئىككى بالىسىنى ئېلىپ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىگە كەلگەندە كۈتۈۋالغان ۋاقتىم يادىمغا كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز داۋاملىق كۆرۈشتۇق. مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، زەينۇرە ھەدەم ۋەتەندىكى ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تونۇتقان مۇھىم ئىنسانلاردىن بىرى. ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم سۆھبەتلەشكەندە ۋەتەننى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماڭا تەسۋىرلەپ بېرىپ مېنى ۋەتەندىكى يالاڭئاياق دېھقان بوۋايلىرىمىز بىلەن ۋە ئاچ-يالىڭاچ سەبىي بالىلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ كېلەتتى. ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئاخىر كېتىدىغان يېرى شۇ. ۋەتەنپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىرىمىز زەينۇرە خانىمنىڭ ئاللا ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن».
ئۆت يۈرەك شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم 1999-يىلى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بىرقانچە يىل قېلىش جەريانىدا شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلغان. گېرمانىيەدىكى مەزگىلدىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى قولدىن بەرمىگەن. ئۇنداقتا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى نېمە؟ لوندوندا ياشايدىغان شائىر ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.
زەينۇرە خانىمنىڭ نەشر قىلدۇرغان شېئىرلار توپلىمى ئىچىدە ئۇنىڭ «قار لەيلىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى گېرمانىيەدە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا چەتئەلدە يازغان بىرقىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلارنىڭ بىرقىسمى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان، يەنە بىرقىسمى بولسا تۈركچە يېزىلغان. شائىرە زەينۇرە ئەيسانىڭ بەزى شېئىرلىرى نېمىس تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.
شائىرە زەينۇرە خانىمنىڭ «تارىم قىزى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانىدى.
كىتابقا شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم يازغان 150 شېئىر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتىكى شېئىرلارنىڭ كۆپى تۈركچىگە، بەزىلىرى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ شېئىرلاردا ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەن ھەسرىتىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى پەريادى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم بۇلاردىن سىرت يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ناملىق تارىخىي رومانىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى.
ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەرھۇمە زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ يېقىن تۇغقىنى خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى زەينۇرە خانىمنىڭ ۋەتەننىڭ ئازاد بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن قىلىشنى ئويلىغان نۇرغۇن پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالماستىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ، يېزىپ تۈرك تىلىدا ئىشلىگەن «ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرى» ناملىق بەدىئىي فىلىم 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيەدە تارقىتىلغان ئىدى. مەزكۇر فىلىم س د پلاستىنكىسى شەكىلدە تۈرك تىلىدا ئىشلەنگەن بولۇپ ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قاراخانىيلار خان سارىيىدا تۇغۇلۇپ ۋاپات بولغۇچە بولغان پۈتۈن ھاياتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
بەزى مەنبەلەردە زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ 1941-يىلى، يەنە بەزىلىرىدە 1946-يىلى 17-مارت كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغانلىقى، بالىلىق چاغلىرىنىڭ ئۇچتۇرپاندا ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇ 1960-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1965-يىلىدىن كېيىن ئۆزى پۈتتۈرگەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. زەينۇرە ئەيسانىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئەينى دەۋرلەردە نام چىقىرىشقا باشلىغانىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ 1980-يىللاردا رەسمىي نامى چىققان. شېئىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «تارىم» ژۇرنىلى، ۋىلايەتلەردىكى «ئىلى دەرياسى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ۋە «قەشقەر ئەدەبىياتى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان. ۋەتىنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ «توققۇز بۇلاق» ناملىق بىرقانچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ ئەدەبىيات ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى.