«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ ئىككىنچى سانى يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

مەركىزى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ ئىككىنچى سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

مەزكۇر ژۇرنال سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئاساسلىق تېما قىلغان ئىلمىي مەزمۇندىكى پەسىللىك ژۇرنالدۇر. ئىككىنچى سانىدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كىرىش سۆزى بىلەن ئۇ قەلەم تەۋرەتكەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە خەلقئارانىڭ ئىنكاسى» ناملىق ماقالىسى، ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىنىڭ «ئۈزۈلمەس ئاسسىمىلاتسىيە: خىتاي مەدەنىيىتى ئۆز ھاكىمىيەت دائىرىسىدىكى باشقا مىللەتلەرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بېرەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ «خىتاينىڭ شىنجاڭنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى مۇساپىسى: سەۋەپ-ئامىل-مەقسەت»، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور دىلشات بارىشچى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى»، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى تاجىگۈل سەمەتنىڭ «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدىكى تىل ئويۇنلىرىغا قىسقىچە نەزەر» ناملىق ماقالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ ئاخىرىدا يېڭى نەشىر قىلىنغان 4 مۇھىم كىتاب تونۇشتۇرۇلغان.

«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2-سانى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقئارانىڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى ماقالىلارغا يەر بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى، ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىكى بىر ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، ماقالىلەرنىڭ ئىلمىي ئۆلچەمدە يېزىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئەسەر باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن كۆرۈلۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلماقچى بولغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي سالاھىيەتكە ئىگە ياكى تەتقىقات ساھەسىدە مول تەجرىبىگە ئىگە كىشىلەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، بۇ ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە قوللىنىلىشىغا، شۇنداقلا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئىلمىي ساھەدە ئىشلىتىشكە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق بۇ ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى 2021-يىلى 4-ئايدا يورۇق كۆركەن ئىدى.