«زىمىستان» تورى: «ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى، زىيالىيلار ۋە سەنئەتكارلار ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بولماقتا.

يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۇ يەردە ئۆلگەنلىكى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىۋاتقان بىر چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ نارازىلىقلىرىغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

26-ئىيۇل «زىمىستان» تورىنىڭ گېرمانچە سەھىپىسى «جادۇگەرلەر شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەرنى ئوۋلىماقتا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يىغىن چاقىرىپ «3 خىل كۈچ» لەرگە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلەر بىر ئېغىز گەپ تۈپەيلى تۈرمىلەرگە قامالغان، ھەتتا ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى بۈگۈن ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملارغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش، باھالاش، يەكۈن چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ «ئىدىيەۋىي ئۆتكەل» دىن ئۆتەلمىگەنلەر شەرتسىز جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدىكەن.

ماقالىغا كۆرە، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان «تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش، باھالاش، يەكۈن چىقىرىش» تۈزۈمى قىسقىچە ئېيتقاندا تۆۋەندىكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

1. تەكشۈرۈلگۈچى شەخس ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسى مەخسۇس قۇرۇلغان «ئالاھىدە ئەسكىرى نازارەت ۋە باھالاش گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ئانالىز قىلىنىدىكەن. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كومپارتىيەگە ھەقىقەتەن سادىق بولغان ياكى بولمىغانلىقى ئايرىلىدىكەن.

2. تەكشۈرۈلگۈچى شەخسنىڭ ئۆتمۈش تارىخى تەكشۈرۈلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە دىنىي رادىكال كۈچلەر بىلەن ئالاقىسىنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى، دىنىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقى، ئۆيىدە «قۇرئان» قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ساقلىغان ياكى ساقلىمىغانلىقى، دىننى تەرغىب قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، ئىلگىرى كومپارتىيەدىن نارازى بولىدىغان گەپلەرنى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، سىياسىي يىغىنلارغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى، دەرس ئۆتكەندە مىللىيلىكنى تەشەببۇس قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، تېررورىزم، زوراۋانلىق، رادىكاللىق ۋە ئىرقچىلىققا ئائىت ئەسەرلەرنى، ئۈن-سىن فىلىملىرىنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ «مۇسۇلمانلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش پىلانى» غا بولغان ئىجابىي ياكى سەلبىي پوزىتسىيەسى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدىكەن.

3. تەكشۈرۈلگۈچى شەخسنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا «3 خىل كۈچ» لەرنىڭ بار-يوقلۇقى، بۇ جەمەتنىڭ پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇپ كەلگەنلىكى، سىياسىي سەۋەبتىن جازالانغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدىكەن.

4. تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ خىزمەتدىشى، دوستى، قوشنىسى ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ئېلىنىدىكەن. بۇ «ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئەگەر بىرلا كىشى ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلىسە ياكى پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» ئىكەنلىكىگە ئائىت ھەرقانداق بىر يىپ ئۇچىنى كۆرسىتىپ بېرەلىسە، بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرىشقا كۇپايە قىلىدىكەن. يەنى تەكشۈرۈلگۈچى شەخس «ئىككى يۈزلىمىچى» ئاتىلىپ، جازا لاگېرىغا قامىلىدىكەن.

ماقالىدا، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىزمەتداشلار بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئىشپىيونغا ئايلاندۇرۇلۇپلا قالماي، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭمۇ بىر-بىرىگە دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

كىرىش سۆزىدە «ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى، زىيالىيلار ۋە سەنئەتكارلار ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، مائارىپ ساھەسىدىكى مەزكۇر سىياسەت مەخپىيەتلىكنى يۇقىرى دەرىجىدە ساقلاش شەرتى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىگىمۇ كېڭىيىشكە باشلىغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر ساھەدىكى سەرخىللىرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر بىر باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «ئاق تېررورلۇق» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىدا كۈچلۈك ۋەھىمە، روھى بېسىم، چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى دىققىتىمىزگە سۇندى.

«جادۇگەرلەر شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا "ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى ئوۋلىماقتا» ناملىق بۇ ماقالە «زىمىستان» تورىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان لى زەيلى ئىسىملىك بىرى تەرىپىدىن يېزىلغان.