ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى «قازاقىستان خەلق ئارتىسى» زىننەت ئەكبەروۋا قاتارلىق ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىن سىرتقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەزەلدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كەڭ تارقىلىپ، جۇشقۇن راۋاجلىنىپ، ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مىللىتىدىن كۆپلىگەن دۆلەت، مەدەنىيەت ئەربابلىرى يېتىلىپ چىققان ھەم ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتتا مۇھىم رول ئوينىغان رايوندۇر. بۇ رايوننىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەنە شۇ جۇمھۇرىيەتلەردە مەۋجۇت بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەنىدى. بىر ئەسىر مابەينىدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئونلىغان، يۈزلىگەن يازغۇچىلار، ئالىملار، مەرىپەتچىلەر، سەنئەتكارلار، رەسساملار تەربىيىلىنىپ چىقىپ، ئۇلار شۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتاقلىرىغا، ناملىرىغا سازاۋەر بولدى. يېقىندا ئەنە شۇنداق ئۇيغۇرنىڭ تونۇلغان شەخسلىرىدىن سەنئەتكار زىننەت ئەكبەروۋا ۋە ئالىم خەمىتخان ئىسلاموف ئالەمدىن ئۆتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ شەخسلەرنىڭ ۋاپات بولۇشىنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەنىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى قازاقىستاندىكى ئەڭ ئالىي «قازاقىستان خەلق ئارتىسى» نامىغا سازاۋەر بولغان زىننەت ئەكبەروۋا ئىدى.

ئالمۇتا شەھىرىدىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلباھار ناسىروۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، زىننەت ئەكبەروۋا ئۆز ئىجادىيىتىدە كۆپلىگەن شەخسلەرنىڭ يارقىن ئوبرازلىرىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تەقدىرلىرىنى، ئىچكى سىرلىرىنى تاماشىبىنلارغا يەتكۈزۈشنى بىلگەنىكەن.

گۈلباھار ناسىروۋا مۇنداق دېدى: «ياش ئارتىسنىڭ ئارتىسلىق دائىرىسى لىرىك قەھرىمانلار ئوبرازلىرىنى يارىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۇ ئىجابىي قەھرىمانلار بىلەن بىرگە سەلبىي قەھرىمانلار ئوبرازلىرىنىمۇ يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ زور تەجرىبىسى ئارقىلىق ياش سەنئەتكارلارغا مېھرىبان ئۇستاز بولالىدى. ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئۆتكەن 60 يىللىق ئىجادىي پائالىيىتىدە زىننەت ئەكبەروۋا پەقەت ئېلىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، رۇسىيە، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى تاماشىبىنلىرىمىزنىڭ زور ئالقىشىغا بۆلەندى. 1992-يىلى تىياتىرىمىز تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان، ئاقسۇ، خوتەن، كۇچا ۋە باشقىمۇ شۇنداق نۇرغۇن ۋىلايەتلىرىدە بولدى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى، قازاقىستان خەلق ئارتىسى مۇرات ئەھمەدىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىر ئېغىز بىلەن ئېيتقاندا زىننەت ھەدە تىياتىرىمىزدا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. ئۇ تالانتلىق ئىدى. ئۇنداق ئادەملەر ئارىمىزدا ئاز ئىدى. بىز چوڭ تالانتلىق ئادەمدىن ئايرىلدۇق. سەھنىلا ئەمەس، زىننەت ھەدە ئۆز ۋاقتىدا ئالىي كېڭەش ئەزاسى بولغان. تىياتىردىكى جەمئىيەتلىك ئىشلاردا بىرىنچى ئورۇنلاردا بولاتتى. ياشلارغا ناھايىتى كۆپ نەسىھەت قىلاتتى.»

مۇرات ئەھمەدىيېف يەنە ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئىشلىگەن، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ ئۆمۈر بايانى توغرىلىق فىلىم ئىشلەش پىلانىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆز ئاتىسى ئابدۇرېھىم ئەھمەدىيېفنىڭ ئەنە شۇ زىننەت ئەكبەروۋا بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن باش روللارنى ئوينىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، زىننەت ئەكبەروۋا 1935-يىلى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1955-يىلى ئۇ سېلېزنيوف نامىدىكى ئالمۇتا خورېيوگرافىيە (ئۇسسۇلچىلىق) مەكتىپىنى تاماملاپ، ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئۆز پائالىيىتىنى باشلىغان ۋە ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ناخشىچى، ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. 1958-يىلى زىننەت ئەكبەروۋا تىياتىرنىڭ دراما گۇرۇپپىسىغا بەلگىلىنىپ، «ئانارخان» درامىسىدىكى مايىمخان، لەيلىخان، گۈلزارە، «ئارشىن مال ئالان» ئەسىرىدىكى گۈلچېھرە، «نۇزۇگۇم» دىكى نۇزۇگۇم ئوخشاش 100دىن ئوشۇق روللارنى ئويناپ چىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە پائالىيىتىدىن تاشقىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانىكەن.

بىز ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەبۇ رەيھان بېرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن، ھازىر ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە تۇرىدىغان تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئابدۇخالىق ئايتبايېف بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇرشۇناس، مەنبەشۇناس ئالىم خەمىتخان ئىسلاموفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

ئابدۇخالىق ئايتبايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خەمىتخان ئاكىغا ئوخشاش تىلشۇناس، مەتىنشۇناس، مەنبەشۇناس ئالىملىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى خەلقىمىزنىڭ تىل-تارىخىي مىراسلىرىغا ئاجراتقانىدى. ئۇ ناۋايىشۇناسلىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە چوڭ ئىشلارنى قىلغان. خەمىتخان ئاكىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇ يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان شەخسلەرنىڭ يەنە بىرى، تونۇلغان كومپوزىتور، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى شاھىدە شاھىمەردانوۋا ۋاپات بولغانىدى. شاھىدە شاھىمەردانوۋا ئەنە شۇ خەمىتخان ئىسلاموفنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشى بولۇپ، ئۇ سىمفونىيەنىڭ، ئىسكىرىپكا ۋە ئوركېستىر ئۈچۈن كونسېرتنىڭ، «ئازاد شەرق ئايالى» كانتاتا-داستانىنىڭ، «سەلەي چاققان» مۇزىكىلىق كومېدىيەسىنىڭ، «ئاماننىساخان» مۇزىكىلىق درامىسىنىڭ ۋە 100 دىن ئوشۇق ناخشىلارنىڭ ئاپتورى بولغانىدى. شاھىدە شاھىمەردانوۋا يەنە «12 مۇقام» نى رەتلەپ چىقىپ، شۇنىڭدىن ناۋا، ئۇششاق، چارگاھ، سىگاھ، بايات، ئەجەم، ئىراق قاتارلىق مۇقاملارنى پلاستىنكىغا يېزىپ چىقىرىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغانىدى.

خەمىتخان ئىسلاموف 1938-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1974-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تاماملاپ، ئەدەبىيات پېنى مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاندىن 1981-يىلدىن باشلاپ ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەمىد سۇلايمانوف نامىدىكى قوليازمىلار ئىنستىتۇتىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئەمگەك قىلدى. 1990-يىلى «ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ‹ناسويىمۇل مۇھەببەت› ئەسىرىدىكى تۈرك ماشايىخلىرىنىڭ ئىلمىي تەنقىدىي مېتىنى» ماۋزۇسىدا كاندىدات دوكتورلۇق ئىلمىي دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلىغان ۋەكېيىنكى يىللىرى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەبۇ رەيھان بېرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ يۈزدىن ئوشۇق ئىلمىي ماقالىلىرى، ئايرىم ئەسەرلىرى ھەر خىل نەشرلەردە يورۇق كۆرگەن.