ئالمۇتادا داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋا خاتىرىلەندى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2025.01.29
zinnetgul-ekberowa-90-1

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-2

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-3

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-4

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-5

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-6

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-7

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-8

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-9

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-10

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-11

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-12

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-13

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-14

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

zinnetgul-ekberowa-90-15

داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىل 28-يانۋار، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

28-يانۋار كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرىدا قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭ سېنارىيەسىنى ئۇيغۇر تىياتىرى ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، «قۇرمېت» ئوردېنىنىڭ ساھىبى گۈلباھار ناسىروۋا تەييارلىغان بولۇپ، رېژىسسور بەخىتجان ئاۋدۇنوف سەھنىلەشتۈرگەن.

زىننەتگۈل ئەكبەروۋا 1935-يىلى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى يەتتەسۇ ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1955-يىلى سېلېزنيېف نامىدىكى ئالمۇتا ئۇسسۇل مەكتىپىنى تاماملاپ، دەسلەپتە ئۇيغۇر تىياتىرىدا بالېت ئارتىسى، ئاندىن ناخشىچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىياتىرى قارمىقىدىكى «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ يېتەكچى ناخشىچىسى بولغان. كېيىنكى يىللاردا ئۇ «ئانارخان»، «غېرىپ-سەنەم»، «نۇزۇگۇم»، «تاھىر-زۆھرە»، «ئارشىن مالئالان»، «مايسارىنىڭ ئىشى» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇزىكىلىق دىرامىلاردا باش قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازلىرىنى ياراتقان. زىننەتگۈل ئەكبەروۋا «قىز جىبەك»، «ئۆمەر مۇھەممەدى»، «بىر ياز، بىر قىش»، «شەنبە كۈنى-تويغا» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدىمۇ تۈرلۈك خاراكتېرلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

دەسلەپتە زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ ھاياتىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىدېيو فىلىم كۆرسىتىلدى. رىياسەتچىلەر، ئۇنىڭ بالىلىق چېغىنىڭ 1941-يىلى باشلانغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى يىللىرىغا توغرا كېلىپ، كۆپلىگەن ئازابلارنى بېشىدىن تارتقانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كېلەچىكىنى سەنئەتتىن تاپقانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر كېچىلىكتە ياش سەنئەتكارلار لۇئىزا روزاخۇنوۋا، دىلناز قاۋدۇنوۋا، ۋارىسجان ئابدۇللايېفلار ئەينى ۋاقىتلاردا زىننەتگۈل ئەكبەروۋا ياراتقان ئەنە شۇ ئوبرازلارنى قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تونۇلغان ئارتىسلىرىدىن ئالىمجان ئەيسايېف، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى پەرھات داۋۇتوف، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى رەيھانگۈل مەخپىروۋا، شۇنىڭدەك مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابلىرى ئەنۋەر ئەكبەروف ۋە ئالىمجان ئەكبەروفلار ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى، ئاتاقلىق ئارتىسلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقا تۆھپىسى ھەم ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇراسىمغا كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەييارلاپ كەلگەن ناخشا نومۇرلىرىنى تاماشىبىنلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلدى.

مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئالىمجان ئەيسايېف مۇنداق دېدى: «1964-يىلى تىياتىر تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ ئىككى يىللىق كىنو ئارتىسلىرىنى تەييارلايدىغان كۇرس ئېچىلدى. شۇنىڭغا 15 بالا ئىمتىھان تاپشۇرۇپ، تىياتىرغا كەلدۇق. 1-ئۆكتەبىر كۈنى تىياتىرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، كىردۇق. بىز تىياتىردا ئوقۇدۇق. ئوقۇش بىلەن تەربىيەنى بىرگە ئېلىپ ماڭدۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن مۇشۇ يەردە ئىشلىدىم، دەپ ھېسابلايمەن. بىز بۇرۇن ئارمان قىلغان ئارتىسلار ئىدى. قېشىدا بىر دەم ئولتۇرساق، گەپلىرىنى ئاڭلىساق دەيتتۇق. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئاشتى».

ئالىمجان ئەيسايېف يەنە زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 100 دىن ئوشۇق ئوبرازلارنى يارىتىپ، تاماشىبىنلارغا تېز ئارىدا تونۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، كۆپلىگەن سەپەرلەردە بىرگە بولۇپ، ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەت قازانغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خەلقى تەرىپىدىن ھەقىقىي سۆيۈلگەن سەنئەتكار دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رەيھانگۈل مەخپىروۋا مەرھۇمنىڭ پەرزەنتلىرى رۇسلان ۋە گۈلباھارنىڭ نامىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى: «ھەر ئىككىسى ئانىسىنىڭ قوينىدا چوڭ بولدى. بىراق ئاتىنىڭ مېھرىنى ئاز كۆردى. ئىلىياس ئاكا بالدۇر ۋاپات بولۇپ كەتتى. شۇنىڭغا قارىماستىن زىننەت ھەدىمىز بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، چوڭ قىلىپ، نەۋرە كۆردى. مەن گۈلباھارغا ئۆزۈمنىڭ ئانىلىق رەھمىتىنى ئېيتماقچىمەن. سىز ئانىڭىزغا ياخشى قارىدىڭىز. قاتتىق ئاغرىدى. شۇ ۋاقىتتا سىز مېھرىڭىز بىلەن ھەممە تەرەپتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىدىڭىز، يۆلىدىڭىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە مىڭلارچە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن».

رەيھانگۈل مەخپىروۋا ئەكبەروۋلار ئائىلىسىنىڭ كۆپ بالىلىق بولۇپ، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پەرھات داۋۇتوف ئۇستازىنىڭ سۆيۈپ تىڭشىغان ناخشىسى «زۆھرە جانىم» ناخشىسىنى ئېيتىپ بەرسە، پىروفېسسور ئەنۋەر ئەكبەروف رەھبەرلىكىدە «تروپويۇگروما» بالېتىدىن كۆرۈنۈش قۇرمانغازى نامىدىكى قازاق مىللىي كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ كامېرلىق ئوركېستىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىندى. رەيھانگۈل مەخپىروۋا ئانىلارغا بېغىشلانغان «يالغۇز ئايال» ناخشىسىنى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئالىمجان ئەكبەروف نەۋرىسى ئارۇجان بىلەن يەنە بىر ناخشىسىنى ھەدىيە قىلدى.

مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان چوڭ كونسېرت پىروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەيھانگۈل مەخپىروۋا خانىم مۇنداق دېدى: «زىننەت ھەدەمنىڭ مەن ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىمدا ‹نۇرخان› دىرامىسىدا نۇرخاننىڭ رولىنى ئوينىغىنىنى كۆردۈم. ئاۋازى شۇنچىلىك ياخشى. رولغا توغرا چۈشۈپتۇ. ناخشىلىرىنى شۇنداق ياخشى ئېيتتى. خەلق شۇنداق ياخشى قارشى ئالدى. زىننەت ھەدە كومېدىيەلەردىمۇ ياخشى رول ئالاتتى. بىز ئىككىمىز ئەكرەم ئەخمەتوف قويغان بىر كومېدىيەنى بىللە ئوينىدۇق. زىننەت ھەدە بىر موماينىڭ رولىنى ئوينىدى. كېيىن كاۋكازنىڭ بىر ئەسەرىدە موماينىڭ رولىنى ئۇسسۇللىرى، مۇزىكىسى، ناخشىسى بىلەن بابىغا كەلتۈرۈپ ئوينىدى. زىننەت ھەدە بىز تىياتىردا يوق ۋاقلاردا كونسېرتلارغا چىقىپ، لەپەر قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسىتەتتىكەن. ئادەمگەرچىلىك تەرىپىنى ئالساق، ناھايىتى مېھماندوست، ئادەمگەرچىلىكىمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى. كۆپ بالىلىق ئائىلىدە ئۆسكەنلىكى ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك ئادەمخۇمار ئىدى».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھەرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئۆتكەن خاتىرە كېچىلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ زىننەتگۈل ئەكبەروۋا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان ئىنسان ئىكەنلىكىگە بۇ قېتىم يەنە كۆز يەتكۈزدۈم. زىننەتگۈل ھەدىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى-ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىمە تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىدە. سەۋەبى زىننەتگۈل ھەدە پەقەت ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ كىنو ئارتىسىلا ئەمەس، ئۇ سەھنە ئوبرازلىرىنى يارىتىش بىلەن بىللە خەلقىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشتا ۋە باشقا ھەر خىل ئوبرازلارنى يارىتىشتا ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتكەن ئارتىسىمىزدۇر. زىننەتگۈل ئەكبەروۋا دېسە بىز ئۆزىمىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزنى يادىمىزغا ئالىمىز. بىز مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن دەۋرىمىزدە زىننەتگۈل ئەكبەروۋا ئىجرا قىلغان روللاردىن ناھايىتى بەھرلەنگەن ئىدۇق».

مۇراسىم ئاخىرىدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى فەرھادبېك قانافىن ئەكبەروفلار سۇلالىسىنىڭ قازاقىستان مەدەنىيىتىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ .تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقى ۋە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ ئەمگىكى يۇقىرى باھالىنىپ، دەسلەپتە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، ئاندىن 1992-يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى دېگەن ئالىي ئۇنۋانغا سازاۋەر بولغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن پەخرىي يارلىقلىرى ۋە مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.