زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ ئايروپىلانغا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈلۈپ چىقىرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2019.08.01
تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك غۇلجالىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ غۇلغۇلىسى بېسىقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ قانداق قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە دائىر بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. مەزكۇر ۋەقە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھامىيسى» دەپ قارىلىۋاتقان تۈركىيەنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى زىننەتگۈلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى رەت قىلىپ، تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغان ئايالنىڭ رەھىمە ئەخماتوۋا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ھەدىسى جەننەتگۈل سىڭلىسى زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى دەلىللىگەن.
ئىلگىرى زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ «تاجىك پۇقراسى» دېگەن قالپاق بىلەن 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇ يەردىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما ئۇنىڭ تاجىكىستانغا قانداق قايتۇرۇلغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار بىر سوئال بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن 31-ئىيۇل كۈنى زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ ھەدىسى رادىيومىزدا بۇنىڭغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۇ كۈنى تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغان يالغۇز زىننەتگۈللا ئەمەس ئىكەن. ئۇ شۇ كۈنى بىر ئەركەك، 4 ئايال بولۇپ جەمئىي 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر تۈركۈم تاجىك، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە يولغا سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەننەتگۈلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئايروپىلانغا «تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچۈرۈلۈپ چىقىرىلغان» شۇنداقلا ئايروپىلان دۈشەنبە خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغان ھامان ئايرودرومدا ساقلاپ تۇرغان خىتاي ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇ بۇ ئەھۋالنى زىننەتگۈللەر بىلەن بىر ئايروپىلاندا قايتۇرۇلغان تاجىكلارنىڭ ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەننەتگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «يەرلىك تاجىكتىن ئىككىسى بار ئىكەن شۇ ئايروپىلاندا. شۇلاردىن كەلگەن ئۇچۇر ئىكەن دەپ ماڭا ئۇچۇر كەلدى. شۇنى ماڭا تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. شۇلار خەت يېزىپ، بۇلارنى مەن دەپ قويغان سىڭلىمغا، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ‹مېنى ئېتىۋەتكىن دېگىنكى، ھەرگىزمۇ ئايروپىلانغا چىقما› دەپ. مەن سىڭلىمنىڭ پسىخىكىسىنى ئوبدان بىلىمەن، ئايروپىلانغا چىقمايمەن دېگەن بولسا بۇلارغا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈپ ئايروپىلانغا چىقارغان گەپ، ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن ھوشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇنىڭغا ئۇ يەردە قېلىپ قالغان ئىككى تاجىكنىڭ ۋىجدانى قاينىغانمۇ، خەت يېزىپ بۇ ياققا يوللىغان. ئۇنى تەرجىمە قىلىپ، ماڭا يوللاپ قويۇپتۇ. ئۇلارنى تاجىكىستان ئايرودرومىدا خىتايلارنىڭ ساقلاپ تۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى دەپتۇ، ئۇلارنى 4 ئايال، بىر ئەر دەپتۇ. بۇ بۇ ئەرنىمۇ ھېس قىلدىم، قاراڭ. ئاشۇ كۈنى سىڭلىم ماڭا تېلېفون قىلغاندا ‹ئىزمىر چەتئەللىكلەر شۆبىسىدە بىر ئۇكىمىز بار، ئاللاھ رازى بولسۇن، بىزگە شۇنداق ياردەم قىلدى، تەرجىمانلىق قىلىپ›دېگەن. خوتەنلىك بالىكەن، دەپ ئېنىقلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگىلا خىتاي ساقچىلار ئېلىپ كېتىپتۇ. بۇلارنى يەرلىك تاجىكلار ئاشكارىلاپتۇ. بۇلارمۇ تۈركىيەدىن تەڭ قايتۇرۇۋېتىلگەنلەر ئىكەن. لېكىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.»
نۆۋەتتە زىننەتگۈل بىلەن تەڭ يولغا سېلىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سورىلىۋاتقان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېنىق ئەمەس. تۈركىيەدىكى «قارار» گېزىتىنىڭ 30-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇۋانخان ھەمزە ۋە ئاينىسا تۇرسۇن ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. چارشەنبە كۈنى بىز قۇۋانخان ھەمزە ئىسىملىك قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ئابدۇرۇسۇل تۇنىيازنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئىزمىر كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 23-ئىيۇن كۈنى تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئانىسىنىڭ تاجىكىستانغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئابدۇرۇسۇل تۇنىياز مۇنداق دېدى: «زىننەتگۈل بىلەن بىللە ئىدى، ئىزمىردە. كېيىن زىننەتگۈلنىڭ ئاچىسى بىلەن كۆرۈشسەم، زىننەتگۈل ‹ئىزمىردە ئاپىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇپتىكەن› دەپ شۇ گەپنى قىلدى. رامىزاندىن كېيىن بىر قېتىم تېلېفون قىپتىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن 10 كۈنگىچە ھېچقانداق تېلېفونمۇ قىلمىدى، ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەنسىرەپ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈم. ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشسەم، ئادۋوكات: ‹ئاپاڭنى 10 كۈندىن ئېشىپتۇ، تاجىكىستانغا يولغا سېلىۋېتىپتۇ، › دەپ شۇ گەپنى قىلدى. ئادۋوكاتنىڭ ماڭا ئۇ گەپنى دېگىنىگە 20 كۈندەك بولۇپ قالدى. ئاپام ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدى. ئادۋوكات سوتقا رەسمىي چىقىپ بولالمىدى. ئادۋوكات: ‹سوت جەريانىدا نەگە كەتكەنلىكىنى، نەگە يولغا سالغانلىقىنى ياكى تاجىكىستاندا بارمۇ، تاجىكىستان قانداق بىر تەرەپ قىلدى، شۇلارنى ئۇققىلى بولىدۇ›دېگەن ئىدى. لېكىن تېخى سوتتىن بىر خەۋەر كەلمىدى.»
بىز چارشەنبە كۈنى يەنە ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئادۋوكاتى ئايشە گۈل خانىمغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن قۇۋانخان ھەمزىنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىدە بۇنى ئاخبارات بىلەن ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئايشە گۈل مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەتتىن رەسمىي رەۋىشتە بۇ ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلدىم. لېكىن ھازىرغا قەدەر ماڭا بۇ توغرىسىدا بىرەر ئۇچۇر بېرىلمىدى. شۇڭا ھازىرنىڭ ئۆزىدە كىم قەيەرگە ئەۋەتىلگەنلىكى، كىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن. زاتەن، مەن ۋاكالەتلىك قىلغان كىشى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئوغلى يېنىمغا كېلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئاندىن مەن بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بېرەلىشىم مۇمكىن.»
نۆۋەتتە زىننەتگۈلنىڭ ھەدىسى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن سىڭلىسىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇ چارشەنبە كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىردىن بىر سورايدىغان تەلىپىم سىڭلىمنى قايتۇرۇپ كەلسۇن» دېدى. زىننەت تۇرسۇننىڭ ۋەقەسى تۈركىيە ئېغىر مۇساپىرلار كرىزىسىگە دۇچ كېلىپ، 3 يېرىم مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىر تۈركىيەگە قېچىپ كېلىپ تۈركىيەگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىۋاتقان، مۇساپىرلا مەسىلىسى تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئېغىر بېسىمدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن زىننەتگۈلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقى ھەمدە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان زىننەتگۈل تۇرسۇن ھەققىدىكى باياناتىدا تاجىكىستان ئەلچىخانىسى بىلەن بىرگە مىللىتىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۆزىنى «خىتاي پۇقراسى زىننەتگۈل تۇرسۇن» دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئايالنىڭ 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان رەھىمە ئەخممەتوۋا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن ھىلال شەھىنۇر، بەرنا ئابدۇللا ۋە يولدىشى ئابدۇللا ئەھمەتوۋنىڭ تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىگە يول سېلىپ قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
نۆۋەتتە زىننەتگۈل تۇرسۇندەك تاجىكىستان پۇقراسى بولمىغان بىر كىشىنىڭ تاجىكىستانغا قايتۇرۇلۇشىدا تاجىكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئوينىغان رولى دىققەت قوزغىماقتا. ئۇنىڭ تاجىكىستان پۇقراسى بولمىغان بىرىنى نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز چارشەنبە كۈنى تاجىكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ مەسىلىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئەلچىخانىنىڭ خادىمى پەيشەنبە كۈنى تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.