فاتما تۇنجەر: «تۈركىيەگە شۇنچە كۆپ ئادەم پاتتى، لېكىن زىننەتگۈل بىلەن 2 بالىسى پاتمىدى»

0:00 / 0:00

قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ گېزىتتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى. يەنى «تۈركىيە گېزىتى» نىڭ 10-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سانىدا پېشقەدەم ئوبزورچى راھمى ئەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خىتايدىكى پەلەستىن» ماۋزۇلۇق ئوبزورى بىلەن 11-ئاۋغۇست كۈنى «مىللىي گېزىت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى فاتما تۇنجەر خانىم يازغان «سۈكۈتىمىزنىڭ بەدىلىنى ئۇلار تۆلىدى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئېلان قىلىندى. بۇ ئىككى ئوبزوردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

فاتما تۇنجەر خانىم «سۈكۈتىمىزنىڭ بەدىلىنى ئۇلار تۆلىدى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ: «خىتاينىڭ ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملىرى ئاستىدا سىنىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى ۋە چارىسىز قالدى. خىتاي رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى، بىزنىڭ سىياسەتچىلەر ھازىرغىچە مەزلۇم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ باياناتمۇ بەرمىدى. كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلارنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سىياسەتچىلەر بۇ زۇلۇمغا قارىتا كۆز يۇمماقتا. خىتاي بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.»

ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم ئوبزورىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئىسلام دىنىدا قەيەردە زۇلۇم بولسا، بېسىمغا ئۇچرىغان كىشى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئادالەتنى بەرپا قىلىشتا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلار بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زۇلۇم ئىسكەنجىسىگە تاشلاپ قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەن خىتاي ئۇلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرمەكتە.»

فاتما تۇنجەر خانىم مەزكۇر ئوبزورىدا يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان زېمىن بىلەن كۈچلۈك سۆيگۈ رىشتىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ يات يۇرتلارغا كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى تۈپەيلى يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ئۇ ئوبزورىدا زىننەتگۈل تۇرسۇن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «زىننەتگۈل تۈرك قېرىنداشلىرىم ئىگە چىقىدۇ دەپ تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ قېرىنداش دەپ بىلگەن تۈرك دۆلىتى ئۇنىڭغا ئىگە چىقمىدى، ئەكسىچە ئۇنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بەردى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسى يۇرتىدىكى چوڭ ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. زىننەتگۈلنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم. زىننەتگۈل ھازىر قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ قانىتى ئاستىدا ئەمەس. ۋەتىنىم تۈركىيەنىڭ كەڭرى زېمىنىغا ھەممە ئادەم پاتقان بولسىمۇ، ئەمما زىننەتگۈل بىلەن ئىككى قىزى پاتمىدى. ھازىر ھەممىمىز زىننەتگۈلدىن ئەپۇ سورىشىمىز كېرەك. لېكىن بۇ ئەپۇ سوراش ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە.»
پېشقەدەم ئوبزورچى راھمى ئەر نىڭ «تۈركىيە گېزىتى» دە بېسىلغان «شەرقىي تۈركىستان خىتايدىكى پەلەستىن» ناملىق ئوبزورىدا تۈركىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرى، شىمالىي ئىراق، شىمالىي سۈرىيە، سىپرۇس مەسىلىسىگە ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى، لېكىن ئۇنىڭ دېگەندەك تىلغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز ئارزۇ قىلغان دەرىجىدە تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ يەردە بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە بىرقانچە خەۋەر يېزىلىپلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بارلىقىنى بىلىشى كېرەك. دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. تۈركىيە ‹قايتىدىن ئاسىياغا ئېچىلىش سىياسىتى› نى باشلىدى. ئەگەر خىتاي ئىنساپلىق ۋە ۋىجدانلىق ئىش قىلسا، ئۇيغۇرلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا رول ئوينىيالايدۇ. ئۇيغۇرلار ئەركىن ۋە بەختلىك ياشىسا تۈركىيە خۇرسەن بولىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەدىن 10 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تەكلىپ قىلىشى زور ئىلگىرىلەش. خىتاينىڭ سەمىمىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىش بىزنىڭ ھەققىمىز. مەزكۇر ھەيئەت خىتاي كۆرسەتكەن جايلارنى ئەمەس، ئۆزلىرى خالىغان جايلارنى ئايلىنىشى كېرەك.»

ئوبزورچى راخمى ئەر ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى يازغان:

1-رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى تاتارىستانغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان نامىدا ئالىي ئاپتونومىيە قۇرۇلۇشى كېرەك.

2-رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش كېرەك.

3-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى، ئائىلىلەرنىڭ نومۇسىنى قوغداش ئەركىنلىكى، ئوقۇش ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

4-تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىشى ياكى خىتايدىن چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا خىتايلار بىلەن تەڭ باراۋەر ھالەتتىكى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلار بېرىلىشى كېرەك.

5-تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك.

6-تاتارىستاندا بولغاندەك ئۇيغۇر رايونىغا شۇنداقلا ئۇيغۇر كارخانىچىلارغا باشقا دۆلەتتىكىلەر بىلەن تىجارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك.

بىز يۇقىرىقى ئوبزورلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن راھمى ئەر ۋە فاتما تۇنجەر خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇلار بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوبزورىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىشتى. فاتما تۇنجەر خانىم زىننەتگۈلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن تارىخىي خاتالىق بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇنداق خاتالىقلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە ياخشى ئاڭلىتىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بىز يۇقىرىقى ئىككى ئوبزور ۋە ئۇنىڭ ئاپتورلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ راھمى ئەر ئەپەندىنىڭ 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن ئوبزورلارنى يازغانلىقىنى، فاتما تۇنجەر خانىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوبزور يېزىۋاتقانلىقىنى، ئىككىلا ئوبزورچىنىڭ تۈركىيەدە تەسىرى بار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.