ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا ئالتە يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇنىڭدا ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ساھەنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زىيالىلار قوشۇنى ئىكەنلىكى تاشقىي دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەن جان ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 9-نويابىر كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى براندېنبۇرگ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىملىك كۆرگەزمىدە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق قىسمەن بولسىمۇ تولدۇرۇلدى.
بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ پاجىئەسىنى مەركەز قىلغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق لاگېرلارغا قامالغان ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى قاتارلىق بۇنچە كۆپ زىيالىلارنىڭ «تەربىيەلەش»كە ھاجىتى يوق ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئاشۇرىلىدۇ» دېگەن سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر غايەت زور ساندا بولسىمۇ، ئەمما تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغان مەلۇماتلار بەكمۇ ئاز بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى يوق قىلىشى ناھايىتى ئۇزۇندىن بېرى پىلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان زور بىر لايىھەنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك بولغان كۆپلىگەن ئەجەللىك يوقىتىشلار روياپقا چىقىدىكەن. چۈنكى بىر ئۇيغۇر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ «زىيالى» نامىنى ئېلىشىغا ئاز كەم يېرىم ئەسىر كېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ زامان جەھەتتىكى زىيىنىلا مۆلچەرلىگۈسىز بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۆپلىگەن ئاسانلىقلارنىمۇ يارىتىدىكەن. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ يوقىتىلىشى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ يوقىتىلغىنىغا ئوخشاشلا غايەت زور ئىجتىمائىي پاجىئە ھېسابلىنىدىكەن
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىڭ بىرى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئەنۋەر جان ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بەزىلەرنىڭ «ئىلھام توختى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تىلغا ئالمىدى» دېگەندەك پىكىرگە بولغان ماھىللىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ قانداق شارائىتتا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئىلھام توختىنىڭ قاماققا ئېلىنىشىنى ھەمدە ئەسلى-ۋەسلىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ يولغا ئاتلىنىشىنىڭ ئۆزى، ئەمەلىيەتتە دۇنياغا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەۋجۇت مەسىلىلەرنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش يولى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەننى ئۆز پاجىئەسى ئارقىلىق جانلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت بېرلىن شەھرىدىكى ئەڭ قايناق ساياھەت نۇقتىسى بولغان براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئەتراپىدىكى ئاممىۋى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا قىزىققۇچىلارمۇ كۆپ بولغان. جۈملىدىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرمۇ بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.