مۇتەخەسسىسلەر: «‹ش ئو ئا ر نىڭ ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى› ئائىلىدە ھالال تاماق تەلەپ قىلىشنى جىنايەتلەشتۈرىدۇ»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى «ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش نىزامى» ماقۇللاپ، «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نى ئائىلە ئىچىدىكى ئەر-ئايال مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئېلىپ كىرگەن. يېڭى نىزامدا تەكىتلىنىشىچە، «ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقى» ئائىلىلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توسىدىغان ئەسەبىي ھەرىكەتلەرنى يەنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ھەرىكەتلەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇنىڭدا ساقچىلارغا ئائىلە ئىچىدە بۇ خىل جىسمانىي، روھىي جەھەتتىكى «ئەسەبىي» ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارغا، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى يېنىك، دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى پاناھلىققا ئېلىش ۋە قوغداش ھوقۇقى بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2015-يىلى چىقارغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئەسەبىيلىك ئۇقۇمىنى كەڭ دائىرىلىك شەرھلەپ، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى نۇرغۇن نورمال دىنىي خاھىش ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئەسەبىيلىك قاتارىغا كىرگۈزگەن.

بۇ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا لاگېرلارغا قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ «ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئەسەبىيلىك» نىڭ «ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش نىزامى» غا كىرگۈزۈلۈشى چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىنى چەكلەش ھۆكۈمەتلەرنىڭ زۆرۈر ۋەزىپىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ نىزامنىڭ ئائىلىلەرنى قوغداشتىن ھالقىغان ئىكەن.

ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناش، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى دەيرېن بايلېر بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «ئەلۋەتتە، ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياخشى قوغدالمايدىغانلىقى بىزنىڭ ئەندىشىمىز. بىراق بىزنىڭ ئەندىشىمىز بۇنىڭدىن ھالقىغان. بۇ نىزام شۇنداقلا ئائىلە قۇرۇلمىسىنى قايتا شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى مەۋجۇت ھالەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى كۆزلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئەھۋال(ئۇيغۇر) ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى پارچىلايدۇ.»

دەيرېن بايلېرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم ئاياللار ھوقۇقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىشكەن.

ئۇ، 7-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى پارچىلايدۇ. شۇڭا، بۇ نىزام ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەندىشىدىن ھالقىغان. ئۇلار دائىم ئاياللار ھوقۇقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىسلامدىن، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدىن ئازاد قىلىش، دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئاساسلىق ئىشى ئەمەس. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقا بىر شەكىلنى دەسسىتىشتۇر

بۇ نىزام يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەسەبىيلىكنى ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقى بىلەن باغلاشنىڭ ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىنى ھەل قىلىشقا قانداق پايدىسى بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك مۈشكۈل ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون 7-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ تەرەققىياتقا قارىتا پەرقلىق بىر قانچە ئەندىشىمىز بار. ئائىلە زوراۋانلىقى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كونكرېت بۇ مەسىلىدىلا ئەمەس، پۈتۈن خىتايدىكى جىددىي مەسىلە. ئەلۋەتتە، بىز دائىرىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق ئەسەبىيلىكنى ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىغا باغلاشنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا قانداق ياردىمى تېگىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش بەك مۈشكۈل.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر نىزام يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئارىلىشىشىغا تېخىمۇ قۇلاي باھانە يارىتىپ بېرىدىكەن.

سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلە شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىتى بارلىقىنىمۇ خاتىرىلىتىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە ئەقلىمگە كېلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق پەرەز، ئەسەبىيلىك ۋە ئائىلە زوراۋانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىدىيەنى ئوز ئارا ئارىلاشتۇرۇش پۈتكۈل رايوندىكى يەرلىك دائىرىلەرگە كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئارىلىشىشىغا باھانە يارىتىپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىچى زوراۋانلىققا قارشى تۇرماقچى بولۇشىدىكى ئەسلى مەقسەت بولۇشى مۇمكىن».

لېكىن بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئەسەبىيلىكنى ئائىلە زوراۋانلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈش يىراقنى كۆرەرلىك» ئىكەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قانۇنشۇناس «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ، بۇ بەلگىلىمە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارا تويلىشىشىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بەزى ئۇيغۇر ئاياللار خىتايلار بىلەن توي قىلماقچى بولسا ئائىلىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىكەن.»

لېكىن دەيرېن بايلېرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نىزام ئائىلىلەرنى قوغدايدۇ دېسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان بەدىلى ئاتا-ئانىلار ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىشى، ئانىلار بالىلىرىدىن، ئاتىلار ئاياللىرىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا يەنە پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىغا قارشى ئورۇنغا ئۆتۈشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى شىكايەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇ نىزام ئاساسى قۇرۇلمىسى يەنىلا مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ مەركىزى قۇرۇلمىسىغا قارىتىلغان ئىنتايىن رادىكال ھۇجۇمدۇر.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ««ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى مەزكۇر نىزامى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا 3 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى ئېغىر خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان بىر مەزگىلدە چىقىرىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە ئىچى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا ئاساسەن چىقىرىلغان مەزكۇر نىزام بۇ يىل 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.