داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى رۇس تىلىدا يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان «مىر» نەشرىيات ئۆيى ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» تارىخىي رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى نەشر قىلدى. كىتاب «ئاتتىلا ھون» تەخەللۇسلۇق تەرجىمان تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان. ئۇ قۇتلۇق تاشاخۇنوف (ئەزىزوف) نىڭ تەشەببۇسى ۋە ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن يورۇق كۆردى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەملىكەت مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرى، يازغۇچىلىرى، ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش ۋە ئاھالە ئارىسىدا تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىلمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بەزى ساخاۋەتلىك شەخسلەر مۇنداق ئىشلارغا ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ياردىمىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەتتە زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» كىتابىنىڭ يورۇققا چىقىشىنى قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەر چوڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. بۇ جەھەتتە ئۇلار شۇنىڭدەك ئەلىشىر خەلىلوف رەھبەرلىكىدىكى «مىر» نەشرىياتىغىمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بىز مەزكۇر نەشرىيات خادىمى رامىلەم رافايىل قىزى بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ مۇنداق دېدى: «مىر نەشرىياتىنىڭ ئىشلەپ كېلىۋاتقىنىغا 22 يىل بولدى. ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى قازاقىستان ۋە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭ نەشرىيات نەشر قىلغان كىتابلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئۇيغۇر تىلىدا چىققان. يەنە كېلىپ بۇ كىتابلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەسىرلەر داۋامىدا قېلىپلىشىپ كەلگەن روھىي بايلىقى تەسۋىرلەنگەن. بولۇپمۇ ئۆز ۋاقتىدا تارىخىي ۋەتىنىمىزدە چىققان بىزنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلىرىمىز مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەخمەت يۈگنەكى، نەسىردىن رەبغۇزى، شۇنداقلا شائىر-يازغۇچىلىرىمىزدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللام، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە باشقىمۇ ئاتاقلىق شەخسلىرىمىزنىڭ كىتابلىرى قايتا نەشر قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئاممىسىغا تارقىتىلدى. بۇ يىلى بولسا، نەشرىياتنىڭ قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى-بۇ تارىخشۇناس نەبىجان تۇرسۇننىڭ ‹ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى› ناملىق كىتابىنىڭ 7-8-توملىرىنىڭ يورۇق كۆرۈشى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ 9-تومى نەشرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا يەنە بىر چوڭ ۋەقە يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ يەنە بىر مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› رومانىنىڭ رۇس تىلىدا يورۇق كۆرۈشى».

رامىلەم بۇ كىتابنىڭ رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلتىماسى بىلەن نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىتابتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەنىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ دەۋرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىملار، بۇنىڭغا قىزىقىدىغان بارلىق ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئۇ بۇ كىتابنىڭ باشقا مىللەت ۋەكىللىرى ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى بىلەن تونۇشۇشىغا مۇمكىنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردى زوردۇن سابىرنىڭ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر، ئاتاقلىق ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقىمىزنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە بۈگۈنكى تۈزۈم تەرىپىدىن تاجاۋۇزچىلىق قىلىنىۋاتقان، مىللىي ئاسەرە-ئەتىقىلىرىمىز يوقىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە شۇ ياقتا ياشاپ، باي خەزىنە قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىملىرىمىزنىڭ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ قازاقىستاندا قايتا نەشر قىلىنىشى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ شۇنداقلا كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ھاجەت نەرسە. زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› رومانى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم 2006-يىلى كىرىلچە ئۇيغۇر يېزىقىدا ‹مىر› نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانىدى. شۇ ۋاقتا بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا رەخمەتجان ھاجىم ئەخمەتوفقا ئوخشاش جانكۆيەرلىرىمىز چوڭ كۈچ چىقارغانىدى. كىتاب ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تېز تارقىلىپ كەتتى. ‹ئانا يۇرت› رومانى بىلەن تونۇشقان ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن بۇ كىتابنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن يۈرگۈزگەن ئادالەتلىك كۈرىشىنىڭ قامۇسى ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن روماننىڭ كىرىل-رۇس يېزىقىدا نەشر قىلىنىشى ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. يازغۇچىنىڭ پۈتۈنلەي ئىجادىيىتى مانا شۇ مەقسەتتە، شۇ روھتا يېزىلغان».

رەخمەتجان غوجامبەردى شۇنىڭدەك بۇ ئەسەرنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆتكەن دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھېچ قېلىشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان نادىر ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە بۇ روماننى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەم ئۇنى نەشر قىلىشقا ماددىي ياردىمىنى بەرگەن مىللەتپەرۋەر شەخسلەرگە چوڭ رەھمىتىنى ئېيتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، زوردۇن سابىر «ئانا يۇرت» ناملىق 3 قىسىمدىن ئىبارەت رومانىنى 1998-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. ئەمما ئەسەر ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۈز كۆرۈشكەنىدى.