2023-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. 8-دېكابىر كۈنى، «فوربېس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ۋە ‹قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دېگەن ۋەدىنىڭ مەغلۇب بولۇشى» ناملىق ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئەھدىنامە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەشكە ئائىت تۇنجى خەلقئارالىق ئەھدىنامە بولۇپ، «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشاش قورقۇنچلۇق تارىخىي جىنايەتلەرنىڭ تەكرار سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشتا تايىنىدىغان كۈچلۈك ئاساس ۋە خەلقئارا پرىنسىپ، دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما 75 يىلدىن بۇيان ب د ت يىغىنلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشقا ئائىت كۈچلۈك بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئىجرائات يوق دېيەرلىك بولغان؛ ئاقىۋەتتە ھەر تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلگەن. ئۆتكەن 10 يىلدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېخىمۇ كۆپەيگەن. دايىش كۈچلىرى يەزىدىيلارنى، بېرما ئەسكەرلىرى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى لاگېرغا قاماپ، مېڭە يۇيۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىپ جازالاش، ئاياللارنى جىنسىي جەھەتتە خورلاش، تۇغماس قىلىش، بالىلىرىنى ئايرىۋېتىپ خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ جىنايەت ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. دېمەك، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» گە قول قويغان دۆلەتلەر ئۇنى ئىجرا قىلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ھېچقانداق رولى ۋە ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى 1948-يىل ئېلان قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» گە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت ‹دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى چوقۇم تولۇق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى، بەلكى بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى كېرەك».
مەزكۇر باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى يەنە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كۈن بولۇپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كۈن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە.
كانادا پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنىيۇس (Garnet Genius) 9-دېكابىر كۈنى X (تىۋىتتېر) دا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىدى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە تارىخىنى يوق قىلدى. 3 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر ھېچقانداق جىنايىتى يوق ئەھۋالدا، سوتلانمايلا تۈرمە-لاگېرلارغا سولاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتلىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى›غا ئاساسەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ. كانادا ھۆكۈمىتى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بۇ قەبىھ جىنايەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەك. كانادانىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، بۇ ئىرقىىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشماقتا. بىز كوممۇنىست خىتاينى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز، بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ئېكسپالاتاسىيە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك».
ئۆتكەن يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر ئەھدىنامە ئېلان قىلىنغان 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنىدى؛ بۇ يىل ئۇنىڭ ئىككىنچى يىلى مۇناسۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقلىرى ئېلىپ باردى. بۇنىڭدىكى سەۋەبنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئۆتكەن ئىككى يىلدا نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى سۇسلىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىق خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتلىرى ئاستىدا داۋاملاشماقتا ۋە تېخىمۇ ئاشكارا، تېخىمۇ ۋەھشىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلماقتا».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ئېچىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئۆستى. ئەمما ھەممىگە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى بۇرىلىپ كەتتى. شى جىنپىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋاملاشتى؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي يەنە بۇ يىل 10-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلاندى. خەلقئارادىن ھېچقانداق ئېغىر جازاغا ئۇچرىمىغان خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بىمالال ئېلىپ بارماقتا، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا، خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماسلىق، ئۇنتۇلدۇرماسلىق، ئۇنى توختىتىشقا ھەرىكەتلىنىش ناھايىتى مۇھىم.
ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىيونلار، جۈملىدىن پارلامېنت ئەزالىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنى توختىتىش مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.
گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مايكېل براند (Michael Brand)، پېتېر ھېيدىت (Peter Heidt) قاتارلىقلار ئوچۇق بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارە يوسۇندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان.
چېخىيە پارلامېنت ئەزاسى ھاياتو ئوكامۇرا (Hayato Okamura) ۋىدىيولۇق سۆز قىلىپ، 9-دېكابىر كۈنىنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان بېلگىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەميۇل كوگولاتى (Samuel Cogolati) 9-دىكابىر كۈنى ۋىدىيولۇق سۆز قىلىپ، 2021-يىلدا بېلگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشتا نامسىز بېلەت تاشلىغانلىقىنى، ئەمدى بۇ باستۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى مىرىيام لېكسمان (Miriam M. Lexmann) «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېگەن تارىخىي ۋەدىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇرلارنى ھەمدە ئۆز پۇقرالىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن ئەزمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ جەھەتتە مەيدانىنى ئېنىق قىلىشى كېرەك، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەكرارلانمىسۇن› دېگەن سۆز بىزگە مەشئەل بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە باشلىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك».
ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئەنگىن ئەرئوغلى، ئىلخان كۈچۈك قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماسلىق ۋە بۇنى خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى كۈچ سۈپىتىدە قوللىنىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلخان كۈچۈك مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەۋاتىمىز. بىز دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداشقا چاقىرىمىز. سۆيۈملۈك ئۇيغۇرلار، سىلەرنىڭ چىدام-غەيرىتىڭلار ۋە قەيسەر روھىڭلار بىزگە ئىلھام بەرمەكتە».
ئۇنىڭدىن باشقا، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى خاتىرە كۈنى. مەلۇماتىمىزچە، خەلقئارانىڭ دىققىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىغا كېتىپ قالغان ھەمدە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن بۇ ۋەزىيەتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش چاقىرىقلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.