مۇنەۋۋەر ئابدۇللا: «زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاۋازىنى خىتايغا يۈزمۇ يۈز ئاڭلىتىش ناھايىتى مۇھىم»

0:00 / 0:00

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى شې فېڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا لېكسىيە سۆزلىگىلى كەلگەندە، بۇ مەكتەپتىكى تەيۋەنلىك ۋە تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا نەق مەيداندا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

بۇ ھەقتە تارقالغان ۋىدىيودىن ئاشكارىلىنىشىچە، يىغىن زالىدا خىتاي ئەلچى سۆز باشلىغاندا تەيۋەنلىك قىز ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: «شې فېڭ، سەن بۇ يەرگە خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ دەپ يالغان تەشۋىقات قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەمما سېنىڭ ئىككى قولۇڭ قانغا بويالغان. سەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىپ، دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلدىڭ. ئەمدى سەن بىزنىڭ دۆلىتىمىز تەيۋەنگە قارا قولۇڭنى سوزۇۋاتىسەن. خىتاينىڭ ئالدامچىسى!» دەپ ۋارقىرىغاندا، يىغىن مەيدانىدىن زورلۇق بىلەن چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئارقىدىن تىبەت قىز ئورنىدىن تۇرۇپ: «تىبەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئاپىرىۋېتىلدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى، قىيىن-قىستاققا ئېلىندى، ئىچكى ئەزالىرى سۇغۇرۇلدى، ئاياللىرى تۇغماس قىلىندى، شې فېڭ دېگەن نومۇسسىز! سېنىڭ ئىككى قولۇڭ قانغا بويالغان، سەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدۈڭ! تىبەتكە مۇستەقىللىق، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق! شې فېڭ دېگەن نومۇسسىز! شې فېڭ دېگەن نومۇسسىز!» دەپ خىتاي باش ئەلچىنى رەسۋا قىلىدۇ.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نېرۋا تەرەققىياتى ئىلمى تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مۇنەۋۋەر ئابدۇللا خىتاي ئەلچىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى ئىنستىتۇتى خىتاي تېمىسى ھەققىدە ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئاچقانىدى، ‹داۋالغۇش دەۋرىدە ئۆزئارا ئىشەنچ تىكلەش› دېگەن تېمىدا ئېچىلغان بۇ يىغىننى خارۋاردتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشتۇرغانىدى، يىغىندا يەنە چەت ئەللىك مېھمانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. يىغىننىڭ باشلىنىش سۆزىدە خىتاي باش ئەلچى گەپ قىلدى، بىز ئۇنىڭ بۇ مەكتەپكە يالغان ئۇچۇر بېرىشىگە، جۈملىدىن خىتاينىڭ قانداق ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكچى بولدۇق. پۈتكۈل يىغىن جەريانىدا، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان سۆزلىگۈچىدىن بىرسىمۇ چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بىرلىكتە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە يىغىننى بۇزۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلغان بولدۇق».

ماساچۇسېست تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) تەركىبىدىكى غول ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، يىغىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە كۆز قارىشىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پەرىزىچە، تەيۋەنلىك قىزنى قوپاللىق بىلەن تارتىپ چىقىپ كەتكەنلەر خىتاي ئەلچىنىڭ ئادەملىرى، تىبەت قىزنى ئېلىپ كەتكەنلەر مەكتەپنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ، تەيۋەنلىك قىزغا باققاندا تىبەت قىزنىڭ سۆزلىشىگە خېلىلا يول قويۇلغان.

بوستون ئۇيغۇر جەمئىيىتى 21-ئاپرېل كۈنى X دە ئېلان قىلغان ئۇچۇردا «بىزنىڭ بوستون بىرلەشمىمىز خىتاي ئەلچىسى شې فېڭغا قارشى كۈچ كۆرسەتتى» دېيىلگەن. سۈرەتتە كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە شوئار تاختىسى ئېسىۋالغان تىبەت ئوقۇغۇچىلار كۆرسىتىلگەن.

مۇنەۋۋەر ئابدۇللا بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا تەشكىللەنگەنلىكىنى، ئەمما كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بوستوندا بىزنىڭ تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل تاپقان خېلى كۈچلۈك بىر بىرلەشمىمىز بار. يىللاردىن بېرى بىز بىرلىكتە نامايىش قىلىپ كەلدۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا ئۇيۇشتۇرۇلدى، مەن ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدىم، گەرچە يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، بىزدىن جىق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت ئەتىگەن سائەت 8 دە باشلاندى، ئەمما يىغىنغا كىرەلىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى تىبەتلەر بىلەن تەيۋەنلىكلەر بولدى. چۈنكى پائالىيەتكە تىزىملىتىپ كىرىش كېرەك ئىدى، ئوقۇغۇچىلار بېلەت ئالغاندىلا كىرەلەيتتى. ئۇلاردىن بىر قىسمى بېلىتى بولسىمۇ كىرەلمىدى. كىرەلىگەنلەر ئىچىدە سىلەر ۋىدىيودا كۆرگەنلەر نۇتۇق داۋامىدا ئارقا-ئارقىدىن قارشىلىق بىلدۈردى. بۇ ۋاقىتتا بىز يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا خىتاي باش ئەلچىگە قارشى شوئار توۋلاپ، خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ بۇ يەردە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق. باش ئەلچى سۆزلىگەن يەر ئەمەلىيەتتە كىرىش ئىشىكىنىڭ يېنىدىلا ئىدى، بىزمۇ ئۇنى كۆرەلەيتتۇق. ئىشىك باقارلار ھېچكىمنى كىرگۈزمىدى، ئىشىكنىمۇ ئېچىپ بەرمىدى. ھەر بىرىمىز زالنىڭ چىقىش ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرۇپ، خىتاي ئەلچى سۆزلىگەندە ۋە زالدىن چىققاندا ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈردۇق. دېمەك، ۋاقىت گەرچە قىسقا بولسىمۇ، بۇ پائالىيەت ياخشى تەشكىللەندى».

مۇنەۋۋەر ئابدۇللا يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى خىتاينىڭ يۈزىگە سالىدىغان ۋە خىتاينى بىلمەيدىغانلارنى غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان بۇنداق پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ بىر ياخشى پائالىيەت بولدى، مەنچە خىتاينى ئاشكارا ئەيىبلەيدىغان، مۇنازىرە قوزغايدىغان ۋە خىتاي ھەر قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە شۇ زوراۋان ھاكىمىيەتتىن ھېساب سورايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان بۇنداق پائالىيەت ھەر دائىم مۇھىم. بۇ قېتىملىق قارشىلىق كۆپ دىققەت قوزغىدى، چۈنكى شۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەسۇرلۇقى، تەشكىللىنىش ۋە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۇسۇلى نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. ئۇلار شۇ سۆزلىرى ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغىلا ئەمەس، بۇ مەكتەپتە خىتاي ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردىن تەلىم ئالىدىغان ئاڭلىغۇچىلارغا بىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىمىزدىن ھېچقايسىسىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەردى. ئۇلار پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىدىغان ۋە خىتايغا پات-پات بارىدىغان غەربلىك تەتقىقاتچىلار بولۇپ، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى. ناھايىتى روشەنكى، ئۇلارغا ئاۋازىمىزنى، يەنى خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىنسانلارنىڭ ئاۋازىنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ دەپ قارايمەن».

مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم مۇنەۋۋەر ئابدۇللا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاسارىتىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاينىڭ جىنايىتىنى ھەر يەردە پاش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.