زۇلخۇمار ئىسھاق: ئاتا-ئانام بىر ئۆمۈر پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپمۇ بەرىبىر لاگېرغا قامالدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرغا قامىۋالغانلىقىنى دەسلەپتە پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان بولسا كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك پاكىتلىرى نەتىجىسىدە سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «تەربىيەلەش مەركىزى» بارلىقىنى، بۇ ئورۇنلارنىڭ «رادىكاللىقنى تۈگىتىش»، «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئورۇنلار» ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورۇنلاردا رادىكال ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ خىتاي تىلى، قانۇن ۋە باشقا كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قايتىدىن جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

بىراق، بۇ لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندىن تولىمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا ئائىت ئاشكارىلىنىۋاتقان ئەھۋاللار، سەرگۈزەشتلەر ھەم ئۇچۇرلار سايىسىدە دۇنياغا ئايان بولماقتا. ئەنە شۇنداق سەرگۈزەشتلەرنىڭ بىرى زۇلخۇمار ئىسھاققا تەۋەدۇر.

1988-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، بېيجىڭدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن بىر خىتاي ئەرگە تېگىپ ئائىلە قۇرغان زۇلخۇمار ئىسھاقمۇ چەتئەللەردىكى ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ بىرىدۇر. ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاقنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاپىسى زۆھرەم تالىپ ۋە دادىسى ئىسھاق پەيزۇللا ھەر ئىككىلىسى لەنجۇدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغاندىن كېيىن قۇمۇلدا بىر ئۆمۈر ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلغان ۋە 2017-يىلى پېنسىيەگە چىققان. زۇلخۇمار بىزگە: «مېنىڭ ئاتا-ئانام پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىز تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز دېگىنى يالغان. مەن بۇنى ئۆز ھېكايەم ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلايمەن» دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەتكە سادىق مەزكۇر ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئۇزۇن يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ پېنسىيەگە چىققان ئاتا-ئانىلارنى ئاقىۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا بىگۇناھ ھالدا لاگېرغا سولىۋەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ زۇلخۇمار ئىسھاق بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.