لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرى (2)

0:00 / 0:00

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت يۈرۈشلۈك سۆھبىتىمىزنىڭ 1-سانىدا ئۆزىنىڭ 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مەھەللە كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقىنى، شۇ كەتكەنچە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ مەلۇم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ يەردە پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بېشىغا يەنە قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى»، يەنى بېيزەن (شىمالىي ۋوگزال) تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

لاگېردىكى زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئۇنىڭ 3 نەپەر ئەر ساقچى ئالدىدا تۈرمە كىيىمىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلىنىشى بىلەن باشلانغان بولسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقىي زۇلۇم گۇندىپايلارنىڭ ئۇنىڭ پۇتىغا 5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كىشەن سېلىپ، قاراڭغۇ كامېرغا ئىتتىرىپ كىرگۈزگەن شۇ كېچىدىن باشلىنىدۇ.

كامېردىكى ئۇيقۇسىزلىق، ئاچلىق ۋە جىسمانىي خورلۇقلار

30 دىن ئارتۇق ئايال بىلەن بىر كامېرغا قامالغان شاھىت زۇمرەت داۋۇت تۇنجى كېچىدىن باشلاپلا تار كامېردا تۇتقۇنلارنىڭ كۆپلۈكىدىن نۆۋەتلىشىپ داق يەردىلا ئۇخلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، كامېرنىڭ تۆت ئەتراپىغا كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى قويۇلغان بولۇپ، كامېردا پەقەت بىرلا ھاجەتخانا بار ئىكەن، ئۇنى 30 دىن ئارتۇق ئايال ئىشلىتىدىكەن. ئەتىگەندە ئۈرۈمچى ۋاقتى 5 تە ئورنىدىن قوپۇش شەرت بولۇپ، ھەر بىر تۇتقۇن بىر مىنۇت ئىچىدە يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ تەييار بولۇش كېرەك ئىكەن. ۋاقتىدا تەييار بولمىغانلار جازالىنىدىكەن. كامېردا بىر بىرى بىلەن گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. لاگېردىكىلەرگە كۈندە كۆكتات شورپىسى ياكى قۇرۇق سۇغا سېلىنغان گۈرۈچ شورپىسى بىلەن بىر تالدىن ھورنان بېرىلىدىكەن. ئۇ دەسلىپىدە كامېر قائىدىسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىدىن چوڭ ياشتىكى بىر دىئابىت كېسىلى بار ئايالغا ئىچى ئاغرىپ يەيدىغان ھورنېنىدىن بەرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن گۇندىپايلار تەرىپىدىن قاتتىق دۇمبالانغان ئىكەن. ئاغرىق زەربىسىدىن «ئاھ خۇدا! . . .» دەپ نالە قىلغىنى ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

خىتاينىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قامىغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلىرى ھەققىدە تارقاتقان تەشۋىقاتلىرىدا ئاشقۇنلۇق ئىدىيىلىرىنى يۇقتۇرۇۋالغان تۇتقۇنلارغا خىتاي تىلى ۋە خىتاي قانۇنىدىن دەرس بېرىلگەنلىكى، ئۇلارغا كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بايانلىرى ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلار تارقاتقان ئىسپاتلىق ئۇچۇرلاردىن لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ بىگۇناھ كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تەربىيەگە موھتاج ئەمەسلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

«ئۇلار بىزگە پەقەتلا كىملىكىمىزدىن تېنىشنى ئۆگەتتى»

زۇمرەت داۋۇتمۇ ئۆزى ياتقان لاگېردا دوختۇر، ئوقۇتقۇچى دېگەندەك ئوخشىمىغان ياش، كەسىپ ۋە سەۋىيىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بىللە ياتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېردىكىلەرگە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈۋاتىمىز دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «لاگېردىكىلەرگە خىتايچە دەرس ئۆتۈۋاتىمىز دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان. ئۇلار شۇنداق دەپ دۇنيانىڭ كۆزىنى ئالداۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزگە لاگېردا پەقەتلا قىزىل ناخشا ۋە خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى يادلاتتى. بۇ ئوقۇتقۇچىلار لاگېردىكىلەرگە كۈندە بىر نەچچە ۋاق شى جىنپىڭغا ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشنى ئۆگەتتى. ئۇلار بىزگە ‹ئەسلى ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەت يوق، ھەممىسى خىتاينىڭ بىر قىسمى› دېگەندەك ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ باردى.

زۇمرەتنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، ساقچىلار كامېردىكىلەرنى كۈندە 2 سائەتتىن 4 سائەتكىچە دەرسخانىغا ئېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇ جاي گەرچە كىچىك پارتا-ئورۇندۇقلار قويۇلغان بىر سىنىپقا ئوخشايدىغان جاي بولسىمۇ، ئەمما مۇئەللىم دەرس ئۆتىدىغان ئورۇن پولات رېشاتكا ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىۋېتىلىدىكەن.

زۇمرەت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىرگەن ئاتالمىش ئوقۇتقۇچىلار قەپەسنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ بىزگە دەرس سۆزلەيدۇ. خۇددى بىز ئادەم ئۆلتۈرىدىغان جىنايەتچىدەك. ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بىزدە نەدە ئۇنداق بىر ئوي ياكى ئۇنداق مادار بولسۇن؟ يېرىم ئاچ يېرىم توق، مادارسىز، پۇتىمىزدا 5 كىلوگراملىق زەنجىر، ھەممە يەردە كامېرا بار تۇرسا! ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قۇرت-قوڭغۇزغىمۇ زەخمەت يەتكۈزىدىغان ھالىمىز يوق. . .»

(داۋامى بار)