لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرى (3)

0:00 / 0:00

2017-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلارغا قامىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۈگۈنگىچە تۈرمە شەكلىدە باشقۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرلىق لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچكى سىرلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ تارتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرمۇ ساناقلىق. لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان ساناقلىق تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقى ۋە ياكى باشقا دۆلەت پۇقراسى بىلەن توي قىلغانلىقىدەك ئامىللار تۈپەيلىدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەردۇر.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇمۇ پاكىستانلىق ئەر بىلەن توي قىلغانلىقى سەۋەبلىك پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن خىتاي لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئەمما ئۇ 2 ئايدىن ئارتۇق لاگېر ھاياتىدا بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىنىڭ پسىخىكىلىق تەسىرلىرىدىن باشقا كۈندە مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن دورا، ھەپتىدە بىر مەجبۇرىي ئۇرۇلغان نامەلۇم ئوكۇللارنىڭ ۋۇجۇدىدا پەيدا قىلغان ئەكس تەسىرلىرىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتە. زۇمرەت گەرچە بۇ دورا ۋە ئوكۇللارنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىمۇ، ھازىرغىچە ئۆزىدە پەيدا قىلىۋاتقان تەسىرلىرىنى ھېس قىلىپ ياشىماقتا ئىكەن. ھەتتا ئۇ بۇنى لاگېردا ئۆزىگە بىر قانچە قېتىم مەجبۇرىي ئۇرۇلغان ئوكۇلنىڭ خۇمار قىلىش كۈچىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «كۈندە بىر تال ئاق تابلېتكا ئىچكۈزدى. ئۇنى ھەممىمىزگە مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ تۇرۇپ ئىچكۈزدى. ئۇنى ئىچكەندىن كېيىنلا خامۇش بولۇپ قالىمىز، ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ھەممىمىزنىڭ ھېيىزى توختىدى، مېنىڭ ئادىتىم شۇ لاگېردا كېسىلگەنچە شۇندىن كېيىن ئادەت كۆرمىدىم. . .»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئوكۇلنى ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئۇردى، ئىككى ئاي يېتىش جەريانىدا بىر قانچە قېتىم ئۇردى. نېمە بۇ دەپ سورىساق ئۇلار يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا دېدى. ئۇنى ئۇرغاندىن كېيىن بەدىنىڭىز بوشىشىپ كېتىدۇ، شۇ چاغدا ھەتتا بالىلارمۇ خىيالىمغا كەلمىدى. ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ھېچ قانداق بىر غەم ئەندىشىڭىز يوقتەك راھەت بولۇپ يېنىكلەپ قالىسىز. مەن خۇددى شۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغاندەك، ھەتتا ھازىرمۇ بەك جىددىيلەشسەم كۆڭلۈم پاراكەندە بولسا ئاشۇ ئوكۇل بولسىكەن دەپ ئىستەيمەن. . . . مەن ئەسلى خېلى سېمىز ئايال ئىدىم، لاگېردا ئىككى ئاي تۇرۇش جەريانىدا 12 كىلوگرام ئورۇقلاپتىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈتۈنۈش داۋالاش جەريانىدا ئەسلىمگە كەلدىم.»

دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇنلارغا مەجبۇرىي ھالدا نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇل ئىشلەتكەنلىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلارنىڭ لاگېرلارنىڭ ئىچكى سىرلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدىكى ئورتاق بىر نۇقتا. بۇ نۇقتا نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ھازىرغىچە دائىرىلەرنىڭ لاگېر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارغا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقان ئوكۇل ۋە دورىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلىپ بۇ دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى دۇنيا ئەھلىگە يەنىلا سىر بولۇپ كەلمەكتە.