مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوپالدىكى ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن

مەھمۇد كاشغەرى 11-ئەسىردىكى قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن بۈيۈك تىلچى، ئىنسىكلوپېدىك ئالىم ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى گىگانت شەخس. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى دۇنيا تۈركولوگىيە ئىلمىدا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نادىر ئۈلگىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئالىملىرى 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسىدىكى ھەزرىتى موللام مازىرىنىڭ دەل مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرىسى قايتىدىن ياسىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتايدىكى «مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. كېيىنكى يىللاردا ئوپالدا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن.

ب د ت «پەن، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشكىلاتى» (UNESCO) 2008-يىلىنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرى يىلى» قىلىپ بېكىتكەن. شۇ يىلى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر «مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنى 1000 يىللىقى» نى خاتىرىلىگەن. ئەپسۇسكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش سۈيىقەستىنى باشلىغان.

ئاتالمىش خىتاي تەتقىقاتچىسى گاۋ بو 2019-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى گۇمانلىق» دېگەن سەپسەتەنى ئويدۇرۇپ چىقارغان. ئارقىدىنلا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوپالدا تىكلەنگەن ھەيكىلىنى چېقىپ تاشلىغان. تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملار ۋە خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك سىما-مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوپالدىكى ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى، دەپ قارىماقتا.