ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026 -يىل 6-فېۋرال)

مىركامىل تۇرغۇن: خىتاينى ئەنسىرەتكەن مۇزىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈچى. (مۇزىكانت، رەقەملىك رېژىسسور مىركامىل تۇرغۇن بىلەن سۆھبەت)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رادىئو ئانگلىغۇچىلار، ئىنگىلىزچە «قەشقەر ۋاقتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيىدە ياشاۋاتقان سەنئەتكار، مىركامىل تۇرغۇن يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى خادىمىدىن دوستلۇق تەلىپى تاپشۇرۇۋالغان. تېلېفون ئارقىلىق سۇنۇلغان بۇ تەلەپتە، مىركامىلنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ كېتىشكە دەۋەت قىلىنغان ۋە مىركامىلنىڭ قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلىشماسلىقى تەۋسىيە قىلىنغان.

مىركامىل تۇرغۇن: خىتاينى ئەنسىرەتكەن مۇزىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈچى (RFA Video)

بىز بۈگۈن مىركامىلنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەزكۇر «دوستلۇق» تەلىپى ھەققىدىكى تەسىراتىنى سورىدۇق. فرانسىيىدە دىجىتال (سانلىق) رېژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بولغان مۇزىكانت مىركامىل تۇرغۇن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىگە يېپىشىۋېلىش ۋە كىرىشىۋېلىشلىرىدىن، ئۇلاردىكى بىر ئەندىشىنى، شۇنداقلا ، مۇزىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزنى، ئاۋۋال، ئۇ ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ئاۋاز خاتىرىسىدىن بىر ئارىيا بىلەن باشلايمىز:

ساقچى: بىر كۆرۈشسەك، پاراڭلاشساق، دەيدىغان گېپلىرىڭ بولسا دېسەڭ…

مىركامىل: مېنىڭ چۈشىنەلمەۋاتقىنىم، ناتونۇش بىر ئادەم نېمە ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغۇسى كېلىپ قالىدۇ؟

ساقچى: مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، كۆرۈشسەك، دوست بولۇپ قالالامدۇق، ئۆزئارا چۈشىنىشسەك…

مىركامىل: دوست دېگىنىڭ نېمە دېگىنىڭ؟

ساقچى: ھە شۇ، سەن بىلەن ئەھۋاللىشىپ، ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كۆرۈشلەلمەۋاتقان بولساڭ، مەن كۆرۈشۈشىڭگە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىسام ئەجەپ ئەمەس…

مىركامىل: مەن ھېچقاچان ھېچكىمدىن كۆۋرۈكلۈك تەلەپ قىلمىدىم، سىلەر خاتا چۈشىنىۋاتىسىلەر…

ساقچى: ئىككىنچىسى، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، ئاخىرى چىقمايدىغان. باشقىلارغۇ مەيلى، سەن قانداق بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭ؟ بۇ ھەقتە كاللامدا بىر تۈگۈن بار…

مىركامىل: بۇ يول دېگىنىڭ قايسى يول؟

ساقچى: بىزنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرۇدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىڭ ھەققىدىكى ئىشلارنى دەۋاتىمەن…

مىركامىل: بولۇۋاتقان ئىشلارغا كۆز يۇمۇۋال دېمەكچىمۇسەن؟

ساقچى: ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئەمدى ھازىر يېشىڭمۇ بىر يەرگە باردى، ھاياجانلىنىپ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشىدىغان يەردە ئەمەس…

مىركامىل: سەن مېنى خېلى تەپسىلىي بىلىدىغان ئوخشايسەن. راست، يېشىم بىر يەرگە باردى، ئەمما بېشىمنى ئېگىپ ياشاش مېنىڭ ھايات يولۇم ئەمەس. مەن بىر كۈن بولسىمۇ بېشىمنى تىك تۇتۇپ ياشايمەن. بۇ ئەركىن دۇنيادا، ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ…

مۇخبىر : ئۇكام، شۇنداق قىلىپ بۇ «دوستىڭىز» بىلەن تۇنجى قېتىم سۆزلىشىشىىڭىزمۇ ياكى بۇرۇنمۇ سۆزلەشكەنمۇ؟

جاۋاب: ئويدىكىلەرنى ۋاستە قىلىپ بېسىم سېلىۋاتقىنىغا خېلى ۋاقىت بولدى. ئىلگىرى «داداڭ سېنى سېغىنىپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى، كوچىدا ساڭا ئوخشايدىغان بالىلارنى كۆرسە ئېسىلىۋېلىپ يىغلايدۇ» دېگەندەك ئېچىنىشلىق گەپلەرنى يەتكۈزەتتى…

سوئال: سىزنى دوستلىشىش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىشىنى قانداق چۈشىنىسىز؟ بۇنىڭغا نېمە تۈرتكە بولغاندۇ؟

جاۋاب: مەن كىنو ئىشلىۋاتقان مەزگىللىرىمدە ئۇرۇق-تۇغقانلار، تونۇشلار ئارقىلىق «ئىشتىن توختىسۇن» دېگەن گەپنى قىلغان. كېيىن توختىماي مۇزىكىنىڭ گېپى چىقىۋاتىدۇ. ۋايىغا يەتكۈدەك مۇزىكىلارنى ئىشلىگىنىم يوق، پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان مۇزىكىلارنى ئىشلىدىم. ئىشلىگەن مۇزىكامنى بىر قىسىم يېقىن دوستلىرىم ياخشى كۆرۈۋاتىدۇ، يەنە بىرگە خىتاي تەرەپ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ…

سوئال: ھە بىزدىن بەكرەك ئۇلار چۈشىنىۋاتقاندەك قىلامدۇ؟

جاۋاب: شۇ. مۇزىكىلارىمغا كىرىشىۋالغىنىغا قاراپ، توغرا يولدا مېڭىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ، تېخىمۇ ھەۋەس بىلەن قىلىۋاتىمەن ئىشنى.

سوئال: توغرا، چەتئەلدە سانىمىز ئاز بولغاچقا، بەزى مۇزىكىلارنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما كۆپ سانلىق خەلقىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خىتاي تەرەپ، مۇزىكىڭىزنىڭ بىز ئويلىمىغان سەزگۈر تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىشى مۇمكىن… ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ كونكرېت «مەن مۇشۇ ئىشنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن خىتاي ماڭا كىرىشىۋالدى» دەيدىغان ئېنىق گۇمانىڭىز يوقمۇ؟

جاۋاب: مۇزىكا، مەنچە مۇزىكا. ئارىلىقتا دادام ۋاستىچى ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا «ناخشىنى ناخشىچىلار ئېيتسۇن» دەپتۇ. دادام ھېچقاچان مېنىڭ روھىمنى چۈشىنىدىغان گەپلەرنى قىلمايدۇ، بۇرۇن ئاددىي بىر مۇزىكىلارنى چالساممۇ ماختاپ رىغبەتلەندۈرەتتى… مۇزىكامغا كىرىشىپ قالىشىدىكى سەۋەب، مەنچە ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىزچە ناخشا قىلىپ ئېيتتىم. ئارىلىرىدا ئادىل تۇنياز بىلەن پەرھات تۇرسۇننىڭمۇ شېئىرلىرى بار…

سوئال: مۇشۇ نۇقتىدا بىراز توختىلايلى: يەنە كىملىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ناخشا قىلىپ ئېيتتىڭىز؟

جاۋاب: مەن ئاساسلىقى خوجىمەمەت مەمەتنىڭ شېئىرلىرىنى، تاھىر ھامۇت ئىزگىل، ئادىل تۇنياز ۋە پەرھات تۇرسۇننىڭ شېئىرلىرىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىنى ئېيتتىم. بۇ شېئىرلارنى بىز ئۇيغۇرلار ناخشا قىلىپ ئېيتمىساق، باشقا مىللەت ناخشىچىلىرى ئۇنى چۈشىنىپ كېتەلمىگىنى ئۈچۈن ئېيتالمىيدۇ…

سوئال: دىمەك، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مىللىي روھ بىلەن سىزنىڭ مۇزىكىلارىڭىز بىر نۇقتىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن پەيدا بولغان ئەندىشە بۇ خىتاي تەرەپتىكى؟

جاۋاب: دەل شۇنداق. مەن بۇنىڭدىن مۇزىكىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدىم، مۇزىكا ھەقىقەتەن كۈچلۈك قورال ئىكەن.

سوئال: ئېسىمدە قېلىشىچە، ئارىلىقتا فرانسىيەدە بىر چوڭ سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنىڭدا بىر ئۇيغۇر بالا مۇزىكا ئورۇنلىغان، بەك جىق ئادەم كۆرگەن ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن…

جاۋاب: ھە، مەن شۇ…

سوئال: ئۇنداقتا مۇشۇنچىلىك كىشىنى ئېغىزىغا قارىتىدىغان ئادەم، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئېغىزىغا قارىتىدۇ دەپ بولۇۋاتقان ئەندىشە ئىكەن بۇ…

جاۋاب: ئۇ چاغدا ئېيتقىنىم «ئاسسىمىلاتسىيە» دېگەن ناخشىتى؛ مەن ئىجاد قىلغان ئەمەس، ۋەتەندە ئىشلەنگەن، كىنایە شەكلىدە ئاسسىمىلاتسىيەنى تەنقىد قىلىپ ئېيتىلغان رەپ ئىدى. مەقسىتىمىز ۋەتەن ئىچىدە ئىجاد قىلىنىپ، تارقىلالمىغان، تارقىتىلمىغان ناخشىلارنى خەلقئاراغا ئېلىپ چىقىش ئىدى.

سوئال: ئۇنداقتا ناخشا-مۇزىكلىرىڭىزنىڭ تېمىسى جىددىي، سەزگۈر ۋە سىياسىي بولغاچقا خىتاي تەرەپ بىئارام بولدى دېيىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: مەنچە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزىلا زادى سىياسىي.

سوئال: توغرا، سىياسەتتىن خالىي ھايات مەۋجۇت ئەمەس. «سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل سىياسەتكە ئارىلاشقانلىق، يەنى «خىتايدا سىياسەت نورمال، ئادىل» دېگەنلىك بولىدۇ…

جاۋاب: توغرا. بىر پۇرسەت بەردىڭىز دېۋالاي: چەتئەللەردە بىرمۇنچە تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىز بار، بىللە ھەرىكەت قىلايلى دېسەم، ”سىياسىيغا چېتىلىپ قالىمەن، ئاۋارىچىلىق بولىدۇ“ دەپ ئۆزىنى تارتىدۇ. ئەمەلىيىتتە، ئۇيغۇر بولسىڭىزلا، قارشى تۇرمىسىڭىزمۇ، ھەرقانچە كۆيدۈم-پىشتىم دېسىڭىزمۇ، خىتاي يەنە ئىشنى سىياسەتكە (سىياسىي قارشى تۇرۇشقا) ئاپىرىپ چۈشۈنىدۇ.

سوئال: دىمەك، خىتاي تەرەپتە «مىركامىل بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان تېمىسىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئۇنى ئىچىمىزگە تارتىپ ئەكىرىۋالايلى، ھىچبولمىغاندا پاسسىپ ھالغا چۈشۈرەيلى» دېگەن بىر مەقسەت بارمۇ؟ ياكى بۇنداق تەخمىن قىلساق بەك ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولامدۇق؟

جاۋاب: سۆھبەتتە ساقچى «سىلەر پارچىلىنىپ كەتتىڭلار، غەربنىڭ پىشكىسى بولدۇڭلار، تاشلىۋېتىلدىڭلار، سەن چوقۇم پۇشايمان قىلغان بولۇشىڭ مۇمكىن» دېدى. مەن بۇ سۆھبەتنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاش ئارقىلىق خىتاي تەرەپكە يالغۇز ئەمەسلىكىمنى، مەيدانىمنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغانتىم، كۈتكەندەك بولدى، دوستلاردىن ياخشى ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ.

سوئال: سۆھبەتتە سىز باشتىن-ئاخىر ئۆزىڭىزنى تۇتۇپ، سوئاللارغا سالماق جاۋاب بېرىپسىز. سىزدىكى بۇ سەۋرچانلىقنىڭ، ئىلمىيلىكنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باققىم بار؟

جاۋاب: قوپال گەپ قىلغان بولسا، مەنمۇ قوپال گەپ قىلاتتىم. ئېغىزىنى بۇزغان بولسا، مەن ئېغىزىمغا ئىككى تال خىشنى قويسا خالا بولغۇدەك گەپلەرنى قىلالايمەن. لېكىن ئۇمۇ سىلىق گەپ قىلدى، مەنمۇ شۇ يوسۇندا گەپ قىلدىم.

سوئال: قارشى تەرەپنى گەپكە سېلىش ئۈچۈن تىرىشىپمۇ باقتىڭىزۈۇ دەيمەن؟

جاۋاب: تىرىشتىم، ئەمما گەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەنتىقسىز. شۇڭا سەۋىيە جەھەتتىن ئەگىشىپ كەتمەي دەپ قارىدىم. بەزىدە خاتا گەپلىرىگە تۈزىتىش بېرىشنىمۇ ئارتۇقچە كۆردۈم…

ئەمدى بۇ سۆھبەت خاتىرىمىزنى مىركامىل ئورۇنلىغان «ئاھىم» دېگەن ناخشا بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز. بۇ ناخشىدا، تونۇلغان شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «ئاھىم» دېگەن شېئىرىغا، مىركامىل ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئاھىم

كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم،

ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم!

تىنچلىق ئىزدەپ، بارسام ئىلىغا،

قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم!

كەزدىم ۋەتەننى 15 چۆرگىلەپ،

15 تامچە قان، مەھشەردە ئاھىم!

ئاتۇشقا چىقسەم، تاشلار يېرىلدى،

جاندا بىلەنگەن، شەمشەردە ئاھىم!

تۇرپاندا قەۋرەم، بولدۇم ھازىدار،

شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم!

كەزدىم ۋەتەننى 15 چۆرگىلەپ،

15 تامچە قان،

مەھشەردە ئاھىم!