ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (2)
2005.02.02
خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار، گەرچە ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىپ، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇيدىغان شەرت- شارائىتلارنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن "چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى، خىتايدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالمايدىغان بولدى. ۋىزا ئېلىش بارغانسىرى تەسلىشىۋاتىدۇ" دېگەندەك گەپ -سۆزلەرگە ئىشىنىپ، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتىن يالتىيىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ۋىزا سىياسىتى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋىزا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كەللى شەننون (Kelly Shannon) خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
ۋىزا سىياسىتىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى
ئۇ، 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ۋىزا سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
- بىز ئامېرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس سۇنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ۋىزا ئىشلەش جەريانلىرىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۈچ كەلدۇق. شۇڭا، ئاز بىر قىسىم ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ ۋىزىسى كېچىكتۈرۈلدى. بۇنىڭ نىسبىتى ئومۇمىي ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاران ٪ 2.2 ئىنى ئىگىلەيدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ۋىزىنىڭ نەتىجىسى ئۇزۇنغىچە كىچىكتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر كۆپ ھاللاردا 30 كۈننىڭ ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈلۈپ جاۋابى چىقىۋاتىدۇ.
ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يوق
ئىلگىرى رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كېلەلىشى ئۈچۈن، باشقا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاۋال خىتاي تىلىنى ئۆگىنىپ، ئىنگىلىز تىلى بىلەن كېيىنرەك تونۇشىدىغانلىقىنى، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولسا باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ، ئىنگىلىز تىلى دەرسلىكى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاش ئالىي مائارىپتا تەربىيىلىنىش پۇرسىتى ئاز بولغان مىللەتلەرگە قارىتا، ۋىزا بېرىش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ بار- يوقلىقىنى سورىغان ئىدى.
ئامېرىكا ۋىزا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كەللى شەننون خانىم، ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق مىللەت ۋە دۆلەتكە قارىتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىزاھلىدى.
خىتايدىن كېلىۋاتقانلار يەنىلا كۆپ
بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئاخبارات - مەدەنىيەت بۆلىمىنىڭ مەسئولى دونالد بايشوپ (Donald Bishop) ئەپەندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ "ئامېرىكىنىڭ ۋىزا بەرمىكى بارغانسىرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ" دىگەن قارىشى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا بېرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىمەي، ئەكسىچە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرى خىتايدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىدىغان بولۇپ، خىتايدىن كەلگەن 62 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدا تەلىم ئالماقتا ئىكەن. بۇ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ٪ 11 ئىنى ئىگىلەيدىكەن. ھالبۇكى، خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنى ٪ 82 ئى ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇيدىكەن.
ۋىزا ئېلىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى
ئۇ يەنە ، 2002 - ، 2003 - ۋە 2004 - يىللىق ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىنى تارقىتىش ئەھۋالى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا 2002 - يىلى جەمئىي 26 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۈنجى قېتىملىق ئىلتىماسىدا ۋىزا ئالالىغان. ۋىزا بېرىش نىسپىتى 50٪ كە يېقىنلاشقان. ئەمىلىيەتتىكى ۋىزا بېرىش نىسبىتى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، چۈنكى ماتىرىياللىرى كام ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەت قىلىنغان بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى قېتىملىق ئىلتىماسلىرىدا ۋىزىغا ئېرىشكەن.
2003 - يىلى، خىتايدا ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى تۈنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. ئەمما يەنىلا18 مىڭ ئوقۇغۇچى ۋىزا ئالالىغان. ئۆتكەن يىلى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما 22 مىڭ ئوقۇغۇچى ۋىزىغا ئېرىشكەن. تۈنجى قېتىملىق ئىلتىماسىدا ۋىزا ئالالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسپىتى٪ 60 كە يېقىنلاشقان بولۇپ، ئەمىلىيەتتىكى ۋىزا بېرىش نىسپىتى ٪ 67 ئەتراپىدا بولغان.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئاخبارات - مەدەنىيەت بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى دونالد بايشوپ يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "ئامېرىكىنىڭ ۋىزا بېرىشى قىيىنلىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالمايدىكەن دىگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى سەپسەتە. ئامېرىكىغا ئىلتىماس قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئىلگىرىكىدىن ئازلاپ كەتكەن بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىغا ئېرىشىش پۇرسىتى ئاشتى" دەپ بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىغا يېقىنقى يىللاردا ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىلگىرى ئوقۇشقا چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، ئامېرىكىدا ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك رىقابەتتە يېڭىپ چىقىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز. (ئارزۇ)