د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2019.02.26

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مىللىي دەۋانىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-فېۋرال كۈنى ميۇنخېندا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چاي سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلدى. پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ مەركەزدىكى رەھبەرلىرى، قۇرۇلتاينىڭ قۇرغۇچىلىرى بولۇپ100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
بۇ پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسىلەر قاتقان ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇرۇلتاي نامىدىن رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتتى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىدىن كېيىن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى قۇرۇلتايغا تەكلىپلىرىنى سۇندى.
پائالىيەت جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ مەركەزدە خىزمەت قىلىدىغان مائاشلىق ۋە تەشكىلاتقا خالىس ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان ھەرساھە خادىملىرى سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشتۇرۇلدى.
قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتىر ئىرۋىن ئەپەندى سۆزگە چىققاندا، د ئۇ ق نىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ب د ت دا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن مەلۇماتلار بەردى. ئۇنىڭ ئارقىدىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان قۇرۇلتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خىزمەتچىسى رايىن ئەپەندى سۆز ئېلىپ، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى»، «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى»، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر رېستورانى»، «ئۈمىد سودا سارىيى» قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار مېھمانلار شەرىپىگە تائاملار تەقدىم قىلدى.
پائالىيەت خاتىمىسىدە قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى مىللىي دەۋانى، د ئۇ ق نى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن قوللاشقا چاقىردى.