قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مىللىيلىكنى تەرغىب قىلماقتا
2019.03.01

2019-يىلى قازاقىستاندا «ياشلار يىلى» دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيىتىدىكى رولىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۇيغۇر ياشلىرى 20 يىلدىن بۇيان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى، جاي-جايلاردا تەشكىللىنىۋاتقان ھەر خىل ياشلار گۇرۇپپىلىرىمۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىقتا خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى، يەنى ئانا تىلنى ساقلاشنى، مىللىي تارىخنى، مەدەنىيەتنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ئەدەبىياتىنى تەرغىب قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.
ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى 24-فېۋرالدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا بولۇپ ئۆتتى. بۇ كۈنى بىر قاتار ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان «خەيرخاھلىق دۇنياسىدا ھەممىسى ئوخشاش» گۇرۇپپىسى ۋە «خۇشاللىق ھەدىيە قىلىمىز» لايىھىسىنىڭ تەشەببۇسكارى كىرا ئۇدارتسېۋا راك كېسىلى بىلەن ئاغرىۋاتقان بالىلارغا بېغىشلانغان خەيرخاھلىق كونسېرت ئۇيۇشتۇردى.
«خەيرخاھلىق دۇنياسىدا ھەممىسى ئوخشاش» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى دىلارام ھەسەنوۋادىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر خەيرخاھلىق كونسېرتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى كېسەل بالىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا خۇشاللىق ۋە ياخشى كەيپىيات ھەدىيە قىلىش، ئۇلارنى كېسەلسىز بەختلىك ھايات كەچۈرۈشكە ئۈمىدلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ گۇرۇپپىمىز 2017-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتىلا بىز ئىشىمىزنى مېيىپ بالىلارغا ماددىي ياردەم بېرىشتىن باشلىدۇق. لېكىن قولىمىزدىكى ئىقتىساد يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ جەھەتتە بىزگە ئالمۇتا شەھىرىدىكى پەرۋاز رېستورانى يېقىندىن ياردەم كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن سېپىمىز بىر ئاز كۆپەيدى. بىز ئىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بىر ئاز ئۆزگەرتىپ، ئاساسىي ياردەمنى تۇرمۇشى ئېغىر ۋە كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە كۆرسىتىش قارارىغا كەلدۇق. قۇربان ھېيت بايرىمىدا بىز ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى، مەسىلەن، قورام، قىزىل شەرق يېزىلىرىدا خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ باردۇق. مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بىز قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى ئېلان قىلغان ‹خەيرخاھلىق كارۋىنى› ھەرىكىتى دائىرىسىدە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى بىلەن بىرلىكتە ئالمۇتا شەھىرىدىكى ‹سولنىشكو› بالىلار ئۆيىدە ۋە ‹رادونېژ› قېرىلار ئۆيىدە يېڭى يىللىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزدۇق. ھازىر بولسا كېلەچەككە يېڭى لايىھە تۈزۈۋاتىمىز. مەلۇمكى، ھازىر خىتاي ۋەتىنىمىزدە ئانا تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە يېقىنلىرىمىزنى يوقىتىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەم ياشلار ھەم چوڭ ئەۋلادلار ئارىسىدا ئانا تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى پىلانلاۋاتىمىز. بىز كۆپرەك بۇ ئىشقا ياشلارنى جەلپ قىلىپ، ئاساسىي كۈچىمىزنى ياش ئەۋلادلارغا قاراتماقچىمىز. چۈنكى كىچىك بالىلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە كۆپرەك موھتاج. يەنى بالىلار ئارىسىدا يېتىم-يېسىرلار، مېيىپ بالىلار ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ يېزا يەرلىرىدە.»
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىنى قوشۇش مەقسىتىدە ھەر خىل دائىرىدىكى مەشرەپلەر شۇنداقلا «پەرۋاز» ئىجادىي بىرلەشمىسى، «دوپپالايف» ياشلار تور بېتى، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزى ۋە باشقىلار ئىش ئېلىپ بارماقتا. قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەشكىلات «قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى» بولۇپ، ئۇ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدە پائالىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.
«قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى» نىڭ ئەزاسى بەختىنۇر سىدىقوۋانىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىل قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە يىل بولۇپ، بىرىنچىدىن، بۇ يىل «ياشلار يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولسا، ئىككىنچىدىن، تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغىنىغا بۇ يىلى 20 يىل تولغان ئىكەن. بەختىنۇر سىدىقوۋا مۇنداق دېدى: «بۇ تەۋەللۇتنىڭ ياشلار يىلىغا توغرا كەلگەنلىكى ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدۇ. ھازىر مەملىكىتىمىزدە ياشلارغا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ پەقەت جۇمھۇرىيەت مىقىياسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا دائىرىدىمۇ ھەر خىل ساھەلەر بويىچە ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلىرى قاتارىغا كىرىشىگە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ياشلىرى ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېتىم-يېسىرلارنى، مەجرۇھ كىشىلەرنى، تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاش بويىچە ئىشلارنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ياشلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشلىرى ھۆكۈمىتىمىز تەرەپتىن مۇناسىپ باھالىنىپ، بىر قاتار ياشلىرىمىز جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ‹ساخاۋەت› مېدالى ۋە پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەندى. قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى رۇستەم خەيرىيېف بولسا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قولىدىن پەخرىي يارلىق ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.»
بەختىنۇر سىدىقوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكنى ساقلاش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتىكەن. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت بولماقتىكەن.
«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل خەلقىمىز بېشىغا كەلگەن ئېغىر بىر پەيتتە ياشلىرىمىز ھەر خىل پائالىيەتلەردە، بولۇپمۇ تور بەتلىرىدە ئانا تىلىمىزنى، تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى تەرغىب قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغىمۇ ياشلىرىمىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتلەردىن ياشلىرىمىز چەتتە قالغىنى يوق. ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، ۋەتىنىمىزدە شەكىللەنگەن ئېغىر ۋەزىيەتنى خەلققە يەتكۈزۈش، ياشلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىش شۇلار جۈملىسىدىندۇر. قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئىلشات ئىمىنوف باشلىق بىر قاتار ياشلىرىمىز ئۆتكەن يىلى ياۋروپادا ئۆتكەن نامايىشلارغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا مەۋجۇت كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە. مۇنداق پائالىيەتلەر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئىجتىمائىي تورلاردا پات-پات يورۇتۇلۇپ تۇرماقتا.