تونۇلغان قازاق تىلچى ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئابدۇۋەلى قايداروف ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.02.28
Abduveli-Qaydarof-Uyghur-Ziyaliliri-Bilen-01.jpg ئاكادېمىك ئابدۇۋەلى قايداروف (1-قاتاردا سولدىن بىرىنچى) ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىرگە. 1987-يىلى. ئالمۇتا،قازاقىستان.
RFA/Oyghan

2019-يىلى 27-فېۋرال كۈنى تونۇلغان قازاق تۈركولوگ، مەشھۇر تىلچى، قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى ئابدۇۋەلى قايداروف ئالمۇتا شەھىرىدە 95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، مەرھۇم ئابدۇۋەلى قايداروفنىڭ شاگىرتى روشەڭۈل ئاۋاكوۋا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىدە ئابدۇۋەلى قايداروفنىڭ تۇتقان ئورنىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، يەنى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كىروف نامىدىكى قازاق دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئىلمىي ئۇنۋان ئۈچۈن ياقلىنىدىغان ئىلمىي ئەمگىكىمنىڭ تېمىسى ‹ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىل فرازېئوگولىزىملار› دەپ بېكىتىلگەن ئىدى. مانا شۇ ئىلمىي ئەمگىكىمگە ئابدۇۋەلى ئاكا يېتەكچىلىك قىلدى. كېيىن بۇ ئىش مېنىڭ ئومۇمەن ئىلمىي تەتقىقاتىمنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا ‹سەن ئۇيغۇرنىڭ قىزى. ئۇيغۇر تىلى ئۆز تەتقىقاتچىلىرىغا موھتاج. مەنمۇ مۇشۇ دەرىجىگە ئۇيغۇرشۇناس سۈپىتىدە يەتتىم› دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ يەنە مۇنداق دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە: ‹مېنىڭ ئىلمىي نىشانىم-ئۇيغۇر تىلى. ئەتراپىمدا بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلار كۆپ بولدى. ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇدۇم›. سېرگېي مالوفنىڭ مۇنداق دېگىنى ئېسىمدە، ‹تۈركولوگىيەدە كۈچلۈكلەردىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنى تەتقىق قىلغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى بىلىشى كېرەك›. ئۇيغۇر تىلى شۇلارغا ئاچقۇچ سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان كونا تىللارنىڭ بىرى. شۇنىڭدىن بۇيان مەن ‹ئۇيغۇر تىلىدىكى قوش سۆزلەر› ناملىق ماۋزۇدا دىسسېرتاتسىيە ياقلىدىم. كېيىنكى دوكتورلۇق تېماممۇ ئۇيغۇر تىلىدىن بولدى. قايداروف ماڭا ‹ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ فرازېئولوگىيەسىنى تەتقىق قىلساڭ، كەلگۈسىدە چوڭ ئالىم بولىسەن› دەپ ئۇستازلىق دۇئاسىنى بەرگەن ئىدى.»

روشەنگۈل ئاۋاكوۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئابدۇۋەلى قايداروفنىڭ بىۋاسىتە شاگىرتلىرىدىن 90 گە يېقىنى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ يەنە قازاقىستان ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەردە تەربىيەلىگەن مىڭدىن ئوشۇق شاگىرتلىرى تۈرلۈك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلماقتىكەن. ئابدۇۋەلى قايداروف تىلشۇناسلىقنىڭ لېكسىكولوگىيە، تىل تارىخى، ۋە باشقا ساھەلىرى بويىچە 400 دىن ئوشۇق ئىلمىي ئەمگەكنىڭ، شۇ جۈملىدىن 40 مونوگرافىيە، ئوقۇش قوراللىرى، لۇغەتلەر ۋە توپلاملارنىڭ ئاپتورى ئىكەن.

روشەڭۈل ئاۋاكوۋا سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «ئاكىمىزنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇتىدا ‹خەلق قەھرىمانى› ئاتىقىنى ئالار دەپ ئىلىم ئەھلىلىرى، كەسىپداشلىرى، شاگىرتلىرى، ئومۇمەن پۈتكۈل يۇرت چوڭ ئۈمىد بىلەن كۈتكەن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ نام ئاكىمىزغا نېسىپ بولمىدى. 80 يىللىق تەۋەللۇتى ھارپىسىدا ھۆججەتلىرىنى قازاقىستاننىڭ ھامىيلار جەمئىيىتى قۇرغان ‹تارلان› مۇكاپاتىغا يوللىدى. ئەمما بۇ مۇكاپاتمۇ ئاكىمىزغا يەنە نېسىپ بولمىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا قازاقىستان ئۇيغۇر ھامىيلار جەمئىيىتى تەسىس قىلغان ‹ئىلھام› مۇكاپاتى يولغا قويۇلدى. مەن ئۇنىڭ بارلىق ھۆججەت-ماتېرىياللىرىنى يىغىپ، كومىسسىيەگە تاپشۇردۇم. ئاكىمىز شۇ چاغدا 1-ئورۇنغا ئىگە بولغاندا ئۇنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئۇ ‹مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ دەل قازاقىستاندەك مۇستەقىل دۆلەت قۇرغۇنىنى كۆرسەم دەپ ئارمان قىلىمەن،› دەپ كۆزىگە لىق ياش ئالغان ئىدى.» 

«سپۇتنىك» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ۋلادىسلاۋ ۋودنېفنىڭ «قازاق تىلىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشىنى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ بىرى ۋاپات بولدى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئابدۇۋەلى قايداروف پەقەت زامانىۋى قازاق تىلىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭمۇ ئاساسچىسى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاپتورلۇقىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر بولغان كلاسسىكىلىق ئەمەكلىرى مەۋجۇت.»

ئالمۇتا ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئابدۇۋەلى ئاكا ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىپ تەرەققىي ئېتىشىگە بىباھا ئۈلۈش قوشقان ئالىم. ئالىم ئاكىمىزنىڭ نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوش سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، مەناسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا بېغىشلانغان بولسا، دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىغا بېغىشلانغان ئىدى. ئابدۇۋەلى ئاكا ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات دەۋرلىرىنى ئېنىقلاپ، ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى باي يازما يادىكارلىقلار ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ چىققان ئىدى.»

رۇسلان ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇۋەلى قايداروفنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت دەسلەپكى ئەمگەكلىرى 1958-يىلى «ئۇيغۇر تىلىدىكى قوش سۆزلەر» ۋە 1969-يىلى «زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتى» دېگەن ناملار بىلەن ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان ئىكەن. رۇسلان ئارزىيېف ئالىمنىڭ ئىلىم ساھەسىدىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە يازغان ئوقۇش قوراللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ مۇناسىپ تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسلان ئارزىيېف يەنە مۇنداق دېدى: «ئابدۇۋەلى ئاكا ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تەييارلاشتىمۇ ئۆز ئىزىنى قالدۇرغان ئالىم. ئابدۇۋەلى ئاكىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا قازاقىستانلىق ئالىملار شېرىۋاخۇن ئاكا باراتوف، شەمشىدىن ئايۇپوف، قىرغىزىستانلىق ئالىمە گۈلنىسا نەزەروۋا، ئۇيغۇر ئېلىدىن بولسا مۇقەددەس مىرزا نامزاتلىق ئەمگەكلىرىنى يازغان. بۇ يەردە يەنە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئابدۇۋەلى ئاكا ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى پۇختا ئۆگەنگەن ئالىملا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىگەن ۋە ياخشى كۆرگەن ئالىم. ئۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە زور ئۆلۈش قوشقان. ھەم ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف بىلەن بولغان سەمىمىي دوستلۇقى ئارقىلىق ئالىملارنىڭ، ئىككى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قانداق دوست بولۇشى كېرەكلىكىنىڭ ئالىي ئۈلگىسىنى ياراتقان.» 

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 ۋە 60-يىللىرى ئابدۇۋەلى قايداروف قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ جەھەتتە ئۇ غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف، مالىك كەبىروف، تۇغلۇقجان تالىپوف قاتارلىق تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان. 

شۇلارنىڭ بىرى تاتار ئالىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىن مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ كىشىنى 1960-يىللىرى ‹كوممۇنىزم تۇغى› (ھازىرقى ‹ئۇيغۇر ئاۋازى›) گېزىتىدە ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭ گېزىتتا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى بويىچە ياخشى ئالىم بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەن ئىدى. 1967-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئېلىندىم. ئابدۇۋەلى قايداروف قېرىنداش خەلقلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بويىچە دوكتورلۇق دەرىجىسىگە يەتكەن بىردىن-بىر كىشى دەپ ئويلايمەن.»

ئابدۇۋەلى قايداروف 1924-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق تالدىبۇلاق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1942-يىلى قازاق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ توققۇزىنچى سىنىپىنى ۋە ئون ئايلىق پېداگوگىكا كۇرسىنى تاماملىغان. ئۇ 1945-يىلغىچە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن قازاق دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملىغان. 1951-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسپىرانتورىيەسىدە «ئۇيغۇر تىلى» مۇتەخەسسىسلىكى بويىچە بىلىم ئالغان. ئۇ 1954-يىلى كىچىك ئىلمىي خادىم لاۋازىمىدىن 1978-يىلى ئىنستىتۇت مۇدىرى دەرىجىسىگىچە يەتكەن ۋە قازاقىستان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.