خىتايدا چوڭ بولغان ئامېرىكالىق تېرىسانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى (4)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.03.06
terisa-bukzaki-xen-shyu.jpg 30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم. ئۇ خىتايدا ياشىغان يىللىرىدا خەن شيۇ دېگەن خىتايچە تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. 2018-يىلى دېكابىر.
RFA

مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلاردىكى ئىنسانىي قەدىر قىممەت قارىشى

ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ مارالبېشىدىكى بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش پولكىدا سۈرگۈندە ئۆتكەن 9 يىللىق ھاياتى ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن ئۆز كەچمىشلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان كىتابلىرىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ھىكايىلەرنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى بولغان ئىكەن.

تېرىسا خانىم 1970-يىلى مارالبېشىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن يېرىم يىل بىللە ياشىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىنسانلىق قەدرى-قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

تېرىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1970-يىلى بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئۇنى مارالبېشىنىڭ موللا يېزىسىدىكى بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە پاكىستان-خىتاي تاشيولى قۇرۇلۇشىدا ئۆلگەن خىتايلارنىڭ جەسەتلەرنى كۆمۈش ۋەزىپىسىگە ئەۋەتكەن. خىتايلار «ئەرۋاھ جىنى چاپلىشىدۇ» دەپ قورقىدىغان ۋە قىلىشنى ئەسلا خالىمايدىغان بۇ ئىش تېرىسا خانىم بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئارتىلىدۇ.

بۇ ھەقتە ئەسلىمە قىلغان تېرىسا خانىم مۇنداق دېدى: «مارالبېشىدىكى بىڭتۇەندە مەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېرىم يىل بىللە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. 1970-يىللار بولسا كېرەك، مەن بىڭتۇەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن موللا يېزىسىدىكى بىرقانچە ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، خىتاي-پاكىستان تاشيولى قۇرۇلۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆمۈشكە ئەۋەتىلدىم. بىز كەتمەن ۋە كېپەنلەرنى ئېلىپ تۆگە كارۋىنى بولۇپ يولغا چىقتۇق.»

تېرىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەسەت كۆمۈش بىڭتۇەندىكى خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ھېچكىم قىلىشنى خالىمايدىغان ئەڭ تۆۋەن ۋە ۋەھىمىلىك ئىش بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ ئىشنى ئۈنسىز ھالدا ئورۇندىغان. ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە بولغان بۇ يېرىم يىللىق سەپەر ھاياتى بىڭتۇەندە خىتايلار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز كۈرەش نىشانى بولۇپ كەلگەن 20 نەچچە ياشلىق تېرىسا ئۈچۈن ھاياتنى چۈشىنىش جەريانى بولغان ۋە ئۇنىڭ مىسكىن كۆڭلىدە ھەقىقىي ئىنسانلىق قەدرى-قىممەتنى ھېس قىلدۇرغان. ئۇ ئەركىن نەپەس ئالىدىغان، ئۆز سەپەرداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىدىغان، ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكى ھېس قىلىدىغان بولغان. تېرىسانىڭ مۇزلىغان قەلبىدە ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن مىننەتدارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولغان.

تېرىسا بۇ ھەقتە ئەسلىمە قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن كارۋاندىكى بىردىن بىر قىز بالا بولۇپ، قالغان سەپەرداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ياش ئەركەكلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشانغان بىر مويسىپىتمۇ بار ئىدى. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكان چۆللۈكىدە پىيادە سەپەرگە چىقتۇق. ئاشۇ جاپالىق سەپەر جەريانىدا مېنىڭ ئۇلاردىن ھېس قىلغانلىرىم ئىنسانىي غەمخورلۇق، ئىللىق مۇئامىلە ۋە مېھرى-مۇھەببەت بولدى. بىز ھەر كۈنى چۆللۈكتە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ماڭاتتۇق. ئۇلار ھەر كۈنى مەككە تەرەپكە قاراپ بىرقانچە قېتىم ناماز ئوقۇيتتى، ئۇلار (تاھارەت ئېلىپ) يۈز-قوللىرىنى يۇغاندىن كېيىن يەرگە جايناماز سېلىپ ناماز ئوقۇشقا باشلايتتى. مەن ئۇلارغا قارىغىنىمچە ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر ئېتىقادلىق ۋە شۇ قەدەر مېھرىبان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. كېيىنچە مەنمۇ ئۇلاردەك ئىچىمدە تىلەكلەر تىلەپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىدىم. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئۇيغۇر مويسىپىت بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ، ‹بىز ئۆزىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇيمىز، سىز نېمىلەرنى ئوقۇۋاتىسىز، › دەپ سورىدى.»

ئەينى چاغدا بوۋايغا نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان تېرىسا خانىمنىڭ ئاۋازى بوغۇلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىبادەت قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنىدە ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى: «مەن بوۋايغا ‹مەن پۈتكۈل ئالەمدىكى تەڭرىلەردىن بۇ ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلىدىم› دەپ جاۋاب بەردىم. جاۋابىمنى ئاڭلاپ بوۋاي كۈلۈپ كەتتى ۋە ماڭا ‹ئاللاھ سىزنىمۇ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، سىزگىمۇ بەخت ئاتا قىلغاي›! دېدى. بوۋاي يەنە ‹سىز بىز ئۈچۈن بەخت تىلەپسىز، شۇڭا بىزمۇ سىزگە بەخت تىلەيمىز، ئاللاھ سىزنىمۇ مۇرات-مەقسەتلىرىڭىزگە يەتكۈزگەي، › دېدى.»

تېرىسا خانىم 70-يىللاردا ئۆزى تۇرغان مارالبېشى ناھىيەسىدىكى موللا يېزىسىنى ھازىر خەرىتىدىن تېپىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇ جايلاردا ئەينى يىللىرىلا «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى» بارلىقىنى بىلدۈردى: «بىزنىڭ 48-پولكنىڭ 5-روتىسى ئەتراپىدىكى جايلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى ئىدى. قامالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن خىتاي زىيالىيلار ۋە ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ (يەنى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ) يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلىرى ئىدى. بىز ئۆستەڭ قازغاندا ياكى دەرەخ يىلتىزلىرىنى قومۇرغان چاغلاردا ئۇلارنىڭ قول-پۇتلىرىدا كويزا-كىشەن سېلىنغان ھالەتتە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ چىقىلغىنىنى كۆرەتتۇق. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ناچار شارائىتتا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆلۈپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆلۈكلىرىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى تەرىپىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىغا تاشلىۋېتىلىدىغانلىقىنى كۆرەتتۇق.»

تېرىسا خانىم 70-يىللاردا بىڭتۇەندە تۇرغان مەزگىلىدە موللا يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىتاينىڭ جەسىتىنى كۆمگەنلىك ئەھۋالىنى ئەسلەپ خىتايلار تەرىپىدىن خارلانغان بىر جەسەتنىڭ موللا يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تەرىپىدىن ئىنسانىي نۇقتىدىن قاراپ دەپنە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى:

«بىرنەچچە ئۇيغۇر يۇرتداش ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا يېقىن جايدىن ئۆتكىنىدە ئۇلارغا ئەمگەك لاگېرىدىن قۇملۇققا تاشلىۋېتىلگەن بىر جەسەت ئۇچراپتۇ. قۇملۇق ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ قالغان جەسەتنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئۆز يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن كەتمىنى ئارقىلىق ئۇزۇن چاسا شەكىللىك گۆرلۈك كولاپ، ئارىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ ئاق يەكتىكىنى سېلىپ، جەسەتنى يۆگەپ گۆرلۈككە قويۇپتۇ. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇ يىگىتكە باشقا كىيىمنى يېپىنچاقلىتىپ قويغان ئىكەن. بىلىشىمچە، ئۇلار قەبرە بېشىدا يەنە دۇئا قىلىپ جەسەتنى كۆمگەن ئىكەن. بۇلار مەن شۇ يەردىكى چاغدا يۈز بەرگەن ئىش. بۇ ۋەقە بىز پاكىستان تاشيولىدىكى يولىدىكى جەسەتلەرنى كۆمۈش ئۈچۈن ئاتلانغان يېرىم يىللىق سەپەر مەزگىلىدە، يەنى 70-يىلى يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇ جاي بىز تۇرغان يەرگە يېقىن جاي بولۇپ، ئېنىققى ئۆلۈك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدىن سىرتقا تاشلىۋېتىلگەن ئىدى.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.