0:00 / 0:00
ئۇيغۇر ئېلىدە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل ۋە جاپالىق بىر جەريان. بولۇپمۇ، بەلگىلەنگەن ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈش، مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ئوقۇش پۇلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ۋىزا ئېلىش دىگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر، ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش ئارزۇسىدىكى دوستلارنىڭ ئورتاق ئۇچرايدىغان ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلىلىرى.
ئامېرىكىدا ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان ئۇيغۇرلار بۇ ئۆتكەللەردىن قانداق ئۆتتى؟ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرى سىلەرگىمۇ بىر پايدىلىنىش ساۋادى بولغۇسى.