ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى تەس بولماقتا
2005.04.20
يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرگە كىرىشىمىز بىلەن، بۇ ئەسىردە ئىنسانلار ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئۈچ نەرسە زۆرۈرىيەت شۇنداقلا ئېھتىياج سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا. ئۇ بولسىمۇ ئېنگلىز تىلىنى بىلىش، كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلىش ھەمدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى بىلىشتىن ئىبارەت. ھەتتا بەزىلەر "ئەگەردە بۇ ئۈچ نەرسىدىن خەۋىرى بولمىغان ئىنسانلار، بۇ ئەسىرنىڭ ساۋاتسىزى ھېسابلىنىدۇ" دېيىشىدۇ.
مانا بۇ خىل يېڭى ئېقىم ۋە نىشاننىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ زامانىۋىيلىشىشنىڭ بەلگىسى بولغان چەتئەل تىلى، كومپيۇتېر دېگەندەك يېڭى ئىلىملەرنى ئىگىلەش قىزغىنلىقى ئاشقان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گەرچە خىتاي نۆۋەتتە مەخسۇس مەبلەغ ھەم كۈچ ئاجرىتىپ كومپيۇتېر ھەمدە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشلىرىنى ئاساسىي مائارىپىغا خېلى بۇرۇنلا رەسمى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مائارىپىدا ئاز ساندىكى تەجرىبە ئوقۇتۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرى تېخى بۇ خىل زامانىۋى ئوقۇتۇش شارائىتىدىن مەھرۇم قالماقتا.
چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشى ئۇيغۇر مائارىپىدىكى بىر بوشلۇق بولۇپ كەلمەكتە
شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا بەزى مەرىپەتپەرۋەرلەر ھەمدە ئىلغار ياشلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ھەر خىل چەتئەل تىل كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ئاساسلىق شەھەرلەردىكى بەزى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشتى. بىراق بۇ يەنىلا ئېھتىياجدىن يىراق بولماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى دەپ ئېيتسىمۇ، ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن 1990 - يىللارغا قەدەر چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماقتا.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشى، شۇنداقلا بۇ تەقەززالىققا لايىق شارائىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنگلىز تىلى مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەۋىسىيە قىلىۋاتقان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى شىنخۇئا خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان " ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك" سەرلەۋھىلىك بىر ماقالىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئېنگلىز تىلى مۇئەللىملىرى ھەمدە ماتىرىياللىرىنىڭ كەملىكى، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى ئەمەس بەلكى ئاساسىي مائارىپ ئەسلىھەلىرىنىڭمۇ تولۇق ئەمەسلىكى، مائارىپ سۈپىتىنىڭ ناھايىتى كەينىدە قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەت تىل ئۇگىنىشى قابىلىيىتى ئۈستۈن، بىراق شارائىتى يوق....
ماقالىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى ئاز ساندىكى تەجرىبە مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قابىليىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈستۈنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئالىي مەكتەپتە رەسمىي ئېنگلىز دەرسى ئېلىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق چەتئەل تىلى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە، ئۇلارنىڭ چەت تىل ئۆگىنىش نەتىجىسى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن چىققان.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىپ - چىقىۋاتقان چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىقلا چەت ئەل تىللىرىنى ئۈگۈنىۋالالىشىمۇ، ئۇيغۇرلاردىكى چەتئەل تىل ئىگىلەش قابىليىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسۈتىدىغان بىر تەرەپ ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.
ماقالىدا مائارىپچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشنى رەسمىي دەرسلىك قىلىپ ئۇيغۇر ئاساسىي مائارىپىغا كىرگۈزىشىنى ۋە ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش، ماتىرىياللارنى تەييارلاشقا تېگىشلىك مەبلەغ ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، "دۆلەت قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ خىتاي مىللىتىگە ئوخشاش مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئېنگلىز تىلى مائارىپى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەردە دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېنگلىز تىلى مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا شارارائىت يارىتىپ بەرسە، ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىدا قانات يېيىپ يۈكسىلىشىگە ئىشىنىمىز" دەپ تەۋىسىيە قىلغان.
ئاز سانلىق مىللەتلەرگە چەتئەل تىلى مائارىپىنىڭ ئېلىپ بېرىلماسلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا، بىر نەچچە قارار ئېنگلىز تىلى كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشىگە شۇنداقلا دۇنيانى چۈشىنىشىگە ئاساس سالغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئالىم سېيىتوف، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل تىلى مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلمەي كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى" دە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار جازالانماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇردىمۇ؟
- دوكتور مايكېل دىلون خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى توغرىسىدا توختالدى
- ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپقا بولغان كۆز قارىشى
- قوش تىللىق مائارىپ ۋە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى