ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سىستېمىسىدا قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىلىرى ئېغىر بولماقتا

0:00 / 0:00

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ، 2004 - يىلى ئاممىنىڭ مەلۇم قىلغان ئۇچۇر ھەم ئەرزىيەتلىرىگە ئاساسەن ، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سېستىمىسىدا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ،قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسىدىن 177 سى پاش بولغان.

مائارىپ سېستىمىسىدا يۈز بەرگەن بۇ قالايمىقان ھەق ئېلىش مەبسىلىلىرىدە جەمئىي 4 مىليون 940 مىڭ يۇئەن يىغىلغانلىقى بايقالغان بولۇپ ، بۇنىڭغا چېتىشلىق 47ئادەمگە مەمۇرىي جازا كۆرۈلۈپ بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى خىزمىتىدىن بوشىتىلغان .