خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
2005.03.31
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 30-مارت كۈنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى پارتىيە- ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئىشلەش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى توغرىلاش مۇھىم
يىغىندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قويغان پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنىڭ قانداق بولۇشىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جەھەتتىكى تەرەققىياتى بولۇپمۇ مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ:
"ھازىرقى سىياسىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقاندا، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ھەمدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنىڭ قانداق بولىشى، شىنجاڭنىڭ بارلىق ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئۇلارنى بىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى توغرىلاشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش زۆرۈر" دەپ تەكىتلىگەن.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەپسىلى يول -يورۇقلار بېرىلگەن.
نەتىجىسى مۇھىم ئەمەس، سىياسى قارىشى مۇھىم
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىشنى تۇنجى قېتىم تەكىتلىشى ئەمەس. بۇ تېما يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئالىي مەكتەپلەرگىچە داۋاملىق تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
2004 - يىلى نويابىردا ئېچىلغان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ 13 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلۇش يىغىنىدا، خىتاي ئىچىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىدىئولوگىيە ساھەسى بويىچە تەربىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومىمۇ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى تونۇپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق قارشى تۇرۇش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىگە زەربە بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلەپ، شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مائارىپ ئورۇنلىرىدا يەنە بىر سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ بىلىم نەتىجىسى ئەمەس بەلكى سىياسىي ئىدىيىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا قاراپ باھا بېرىلمەكتە.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈمىدلەنگەنلىكى، ئەندىشە پەيدا قىلماقتا
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىكى تەلەپلەرنى قايتا كېچەيتىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ئانالىز يۈرگۈزۈپ "بۇ خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېگەن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى ياشلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەربىيىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ياشلارنىڭ ئىنتەرنەت ۋە باشقا يوللار بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋالىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۈمىدلەنگەنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بېسىم ۋە ئىشتىن قالدۇرۇش
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەندۈرىشى، مىللىي ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ھەر قايسى مائارىپ ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ئۇلار گەرچە سىياسىي بېسىملار تۈپەيلى بۇ خىل نارازىلىقلىرىنى بىۋاستە ئىپادە قىلالمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل نارازىلىقلار بارغانچە كۈچەيگەن.
ئىگە بولۇشىمىزچە، تېخى يېقىندىلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە 7 نەپەر مىللىي ئوقۇتقۇچى خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى ئارقىلىق شاللاشقا ئۇچراپ، بىر يىللىق دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىلغان. بۇنىڭغا ئوخشاش ھالەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مائارىپ ئورۇنلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئىكەن.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا دىلشات رىشىت "مىللىي ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلاردىكى خىتاينىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقلارنى يەنىمۇ قاتتىق سىياسىي بېسىم يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يېپىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى قايتا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقماقتا" دېگەن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىدېئولوگىيە تەربىيىسى
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن (ئۆركىشى) خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى،مەمۇرىي ئورۇنلارنى پارتىيە گېزىت-ژورناللىرىنى مۇشتەرى بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا
- خىتايچىلاشتۇرۇش داۋامىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى
- خىتاينىڭ مىللىي مائارىپقا قاراتقان يېڭى سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا
قوش تىل سىياسىتى
- "شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى" دە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار جازالانماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇردىمۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتىنى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزمەكتە
- دوكتور مايكېل دىلون خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى توغرىسىدا توختالدى
- ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپقا بولغان كۆز قارىشى