ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىنىڭ 2004 - يىل بىر يىللىق مۇساپىسىدە نەزەر سالساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا نەقەدەر تېز سۈرئەتتە ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاسانلا بايقايمىز.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىرىدىن ئىگە بولغان ئۇچۇرلار ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ھەققىدە ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايچە ئاڭدا تەربىيىلەش، ئاتالمىش "قوش تىللىق مائارىپ" ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمىتىدىن سىقىپ چىقىرىپ ئورنىغا خىتاي تولۇقلاش دېگەنگە ئوخشاش خىلمۇ-خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر مائارىپىغا قاراتقان سىياسەتلىرى ۋە ئەمەلىيەتلىرىگە قىززىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىغا دىققەت قىلىڭ.