ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە خىتاي مىللي روھ تەربىيىسى كۈچەيتىلمەكتە


2004.09.20

شىنخۇا ئاخباراتىدىن ئاشكارلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە "خىتاي مىللىي روھى تەربىيىسى" نامىدا خىتاينىڭ مىللي ئەنئەنىسى، سەنئىتى ۋە ھەرقايسى دەۋىر ۋە ھەر قايسى كەسىپلەردىكى كىلاسسىك ئەسەر ھەم تارىخىي شەخىسلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار دەرسلىكلەرگە ماسلاشتۇرۇپ كىرگۈزۈلىدىكەن.

خىتاي مىللەتچىلىك روھىنى ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈش

سالام رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ۋە خىتاي مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، خىتاي تىلى دەرسى باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ئۆتۈلگەندىن سىرت ، نۆۋەتتە خىتاي مىللەتچىلىك روھىنى يېتىشتۈرىدىغان مەخسۇس دەرسلىكلەر ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا سىڭدۈرۈلمەكتە.

بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىكى 9- ئاينى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مىللىي روھ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئېيى قىلىپ بېكىتكەن .

ئۈچ ئايرىلالماسلىق

ئۈرۈمچى مائارىپ ئىدارىسى ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىغا ماسلىشىپ ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مىللىي روھ تەربىيىسىنى ، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ كىرگۈزگەن .

شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسلىكى ، سىياسىي ئىدىيە ۋە ئەدەبىيات دەرسلىكى، تارىخىي شەخسلەر ۋە ئىجدىمائىي جەمىيەت پېنى قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنغاندىن باشقا ماتىماتىكا ، فىزىكا خىمىيە دەرسلىكلىرىدىمۇ مۇشۇ پەنلەرگە ئائىت خىتاي ئالىملىرىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا ، گۈزەل سەنئەت دەرسىدە خىتاي سۇ بوياق رەسىمى ، تەنتەربىيە دەرسىدە خىتاي چامباشچىلىقى قاتارلىقلارمۇ دەرسلىك مەزمۇنلىرىغا كىرگۈزۈلمەكچى ئىكەن.

بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپلا ، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ، جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىنقىلاپ ئەنئەنىسى تەربىيىسىنى ئاساس قىلغان تەشۋېقات پائالىيەتلەر كۈچەيتىلگەن .

ئۈرۈمچىدىكى 6- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇش پاالىيەتلىرىدە ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايلاردىن ئايرىلالماسلىق ، خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق ، ھەمدە ئازا سانلىق مىللەتلەر بىر- بىرىدىن ئايرىلالماسلىقتەك "ئۈچ ئايرىلالماسلىق" سىياسى ئىدىيە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن .

ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يوقىتىلماقتا

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز ۋە خىتاينىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىدىن مەلۇمكى ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى شەكىل جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇنىڭ مەزمۇنىغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكتە .

يەنى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە چوڭ ئۆزگۈرۈش كىرگۈزۈلۇپ ، ھەتتا ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنىڭ بەزىلىرى دەرسلىكتىن چىقىرىلىپ ئورنىغا خىتاي كىلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى كىرگۈزۈلگەن .

ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەركەتلىرى ئەزەلدىنلا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن . نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا روھىي جەھەتتىنمۇ خىتاي مىللي روھىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بولغان ئەندىشىلىرىنى قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپ سېپىدا خىزمەت قىلغان ، يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ، ئۆزىنىڭ ئەندىشىلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلدى:

گەرچە خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي مىللىي روھ تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىلاننى خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىغا ئوخشاش چۈشۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا بۇ پىلان يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمىلىلىشىۋاتقان بولۇپ ، يەنى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتىكى مۇھىم بىر ئۆلچەم قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئېلىپ بېرىلماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.