شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمەيدۇ


2004.10.19

بۇ يىل 9-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ناھايىتى داغدۇغىلىق ھالدا تەبرىكلەندى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي خىزمەت تىلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمىگەن. پۈتۈن پائالىيەتلەر تولۇق خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنىڭ سىن ئالغۇ پلاستىنكىسى قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاستىنكىدىن مەلۇم بولۇشىچە خاتىرىلەش پائالىيىتى قويۇق خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى تۈسى ئالغان . ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھېچقانداق پروگراممىلار تەييارلانغانمىغان. پەقەت ئۆزبېك ناخشىچىسى شامىل شاكىر، ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئىززەت ۋە باشقا بىرقانچەيلەننىڭ خىتاي تىلىدا ئېيتقان ناخشىلىرىدىن باشقا بارلىق سەنئەت نومۇرلىرى خىتاي ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتلىرى ئەۋجى ئالغان بولۇپ، ئەلۋەتتە ،ھېچكىممۇ ئۆز نارازىلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرەلمەيدۇ. ئەمما، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن قاھار بارات، تۇغلۇق ئابدۇراززاق ۋە شۆھرەت سەيدەخمەت قاتارلىقلار 60 يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئەنئەنىسى تىكلەنگەن بۇ ئالى بىلىم يۇرتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىي-مائارىپى ئۈچۈن زور يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.