خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇلىرىنى نابۇت قىلماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت يىراق نامرات يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ مەجبۇرى مائارىپتا تەربىيىلىنىشى ھەقسىز قىلىنغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ٪ 97.5 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان ساننىڭ، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى. يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇنداق بىر زىددىيەتلىك مەسىلە بولۇپ، ئىلگىرى نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بالىلىرى مەكتەپ پۇلى تاپشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇشسىز قالغان بولسا نۆۋەتتە، توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ھەقسىز قىلىنغان تەقدىردىمۇ باشلانغۇچ، ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تولۇق پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن يېنىپ چىقىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا ئېغىر بولماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى :

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا بالىلارنىڭ ساۋاتسىز قېلىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن خاتىمە بېرىلىش باسقۇچىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يۇقىرى بىلىم ۋە تېخنىكا ئىگىلىشىگە، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تېخىمۇ مۇكەممەل ئۇل سېلىشىغا، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش ئارزۇلىرىغا، بۇ مۇئەللىم ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقى، باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتلەردىن كەمسىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توسالغۇ بولماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)