0:00 / 0:00
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر تەتقىقات ئورنى يېقىندا خىتاينىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىي مۇھىت، تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە سالامەتلىك كۆرسەتكۈچىنى رەت تەرتىپىگە تۇرغۇزۇپ چىقتى. كۆرسەتكۈچكە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچى تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 5 - ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ كۆرسەتكۈچ توغرىسىدا بىز ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىنى زىيارەت قىلدۇق. مەزكۇر تەتقىقاتچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان.