مائارىپ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ئادەم مائارىپ ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم بىلەن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، دۆلەتنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، دۇنيانى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. يېقىندا خىتاي زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان مۇنازىرىلىرىدە 'خىتايدا كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شارائىتىدا مائارىپ %90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمىدى، بىلىممۇ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمىدى' دەپ قارىدى ۋە بۇ ھەقتە پاكىت كۆرسەتتى. ئەمما ، گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان ياش يازغۇچى كۈرەش ئاتىخاننىڭ خىتايدىكى مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولۇدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ئۇلاردىن ئۆزگىچە.
ياش يازغۇچى كۆرەش ئاتىخان ئالدى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق مائارىپ سىياسىتى قوللانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.
كۆرەش ئاتىخاننىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلدى، ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلار ئەڭ خەتەرلىك گىرۋەككە كېلىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى، تارىخى ساھەلىرىدە قېتىقىنىپ ئىزلىنىۋاتقان ياش يازغۇچى كۆرەش ئاتىخاننىڭ قارىشىچە، مائارىپ ھامان ئۇيغۇرلارنى بەخت- سۆيگۈگە ۋە جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. (ۋەلى)