ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ سۈپىتىنىڭ مۇناسىۋىتى
2004.11.01
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان تەڭرىتاغ تور بېتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ٪ 97.3 كە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
خەۋەردە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت، چېگرا، نامرات يېزىلىرىدىكى نامرات دېھقان بالىلىرىنىڭ ئوقىيالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقانلىقى، نۆۋەتتە يېزىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتىنىڭ ٪ 99.5 تىنمۇ ئاشقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتىنىڭ ٪ 97.3 كە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەجبۇرى مائارىپ سىياسىتىدىكى سانلىق ئۆزگۈرۈشلەر
ئەمما رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى نامرات يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقان بالىلىرىنىڭ نامراتلىق تۈپەيلى يەنىلا ئوقۇشسىز قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بىز ئوقۇش يېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى، يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى مائارىپ ۋە مەكتەپ ئورۇنلىرىنى تېلىفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.
قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى ۋە خوتەننىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ۋە بۇ جەھەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.