خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، ئىقتىسادىي ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بۆلۈمى 2004 - يىل ئاخىرىدا مەقسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ۋە ئىچكى موڭغۇل ، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلاردىكى يېزىلاردا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
بۇ دوكلاتتىن نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى "9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا ئومۇملاشتى، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىق ئاساسەن تۈگىدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 98٪ كە يەتتى" دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن قىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ.