0:00 / 0:00
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلىشى بىلەن بەزى خىتاي مەكتەپلىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى ھەمدە بەزى مەكتەپلەر سىناق سۈپىتىدە مىللىي سىنىپلارنىڭ تەبىي پەن دەرىسلىكلىرىنى خىتايچە ئوقۇتۇشقا باشلىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆز مۇخبىرىمىز پەرىدە، قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىق بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى سىناق مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى زىيارەت قىلدى.