دوكتور مايكېل دىلون خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى توغرىسىدا توختالدى


2005.02.07
CHINA_XINJIANG_EDUCATION_46.jpg

ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپى، چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا. ئەنگلىيە دارخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەركىزىنىڭ دېرىكتورى مايكېل دىلون (Michael Dillon) ئەپەندى ئەنە شۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان "خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى مۇسۇلمانلار" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللىي بالىلارغا بىر تۇتاش خىتايچە دەرس ئۆتۈشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، مايكېل دىلون ئەپەندى بۇنىڭغا ئاساسەن "شىنجاڭدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەھدىت ئاسىتىدا قالدى"دىگەن ماقالىنى ئېلان قىلغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور مايكېل دىلون ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇق. مايكېل دىلون ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايچە ئوقۇتۇشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:

خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرغۇزماقچى

"بۇنىڭدا بىر قانچە مەقسەتلەر بار. ئۇلارنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ بىرلىك مەسىلىسى. روشەنكى، خىتايلار سىياسىي بۆلگۈنچىلىكنى، چوقۇم قارشى تۇرمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر ئىش دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا ئۇلار يەنە، سىياسىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بىر-بىرىگە باغلاپ قارايدۇ. شۇڭا خىتايلار، ئۇيغۇرلارنى خىتاي تىلى بىلەن تەربىيىلەپ چىققاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇرلار ئىسلام، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئانچە قىزىقمايدىغان بولىدۇ ھەمدە ئۇلار خىتايپەرەس نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، مۇستەقىللىقنى ئويلىمايدىغان بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىتاينىڭ نىشانلىغان ئاساسلىق مەقسىتى".

40-50 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، نىمە ئۈچۈن ھازىر بولۇپمۇ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇيغۇر مائارىپىنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئوقۇتۇش مائارىپىنى مەجبۇرلىدى؟ مايكېل دىلون ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە بولدى:

خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى باستۇرىشىغا باھانە بولدى

"مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 - يىللاردىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ پەقەت دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىنلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇڭا خىتاي بىر قىسىم كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلدى. بىراق خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن. ئەمما خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ جاكارلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى باستۇرۇشىغا بىر باھانە بولۇپ بەردى."

ئىلگىرى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىر قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كەسپىي دەرسلەرنى خىتايچە ئۆتۈشنى پراكتىكا قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئۈنۈم پەيدا قىلالىشىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلىم-پەن ئىگىلەشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئەمەس

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتاي مائارىپى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلار خىتايچە ئۆگەنگەندىلا ئاندىن بۇ پەرقنى كىچىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. مايكېل دىلون ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ئىلگىرى بىز زىيارەت قىلغان تارىخشۇناس لىندا بېنسون خانىمنىڭكى بىلەن بىردەك بولدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە تېخىمۇ كۆپ پەن كىتاپلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلىم - پەن ئىگىلەشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"خىتاي تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلبەتتە ئۇيغۇرلار خىتايچىنى بىلمىسە بولمايدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلسا توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەن دەۋاتقان بۇ قوش تىللىق مائارىپ، ئۇيغۇرلارلا خىتايچە ئۆگىنىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان خىتايلارمۇ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرسلىرى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرىلىۋەتمەستىن، بەلكى خىتايچە پەقەت بىر تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىلىشى كېرەك. مەن، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ چەتئەل تىلىدىكى كىتاپلارنى ئۇيغۇرچىغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ."

قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارغىمۇ قارىتىلىشى كېرەك

مايكېل دىلون ئەپەندى ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغان بولۇپ، ئىلگىرى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە، دۆلەت تىلى- خىتايچە بولغانلىقى ئۈچۈن، قوش تىللىق مائارىپ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلىپ، خىتايلار نەزەردە تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور مايكېل دىلون ئەپەندى ئېلان قىلغان، "شىنجاڭدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەھدىت ئاستىدا قالدى" دىگەن ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇشىنىڭ، قىسقا مەزگىلدە خىتاي ئۈچۈن نەتىجىلىك بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىلنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ قوزغايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.