0:00 / 0:00
نوۋەتتە، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق بىر خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ھاياتلىق يولىنى تېپىشى ئۇلار ئەڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەنە شۇ مەۋجۇت قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىز ھالدا مەكتەپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ھەقسىز تېلېفون لىنىيىمىز بويىچە تېلېفون بەرگەن بىر ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئەھۋاللار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.